يېقىندا، مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئېنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئۇقىشىچە، دۆلەتلىك ئېنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى«2014-يىلى تورنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە شەھۋانى مەزمۇندىكى تور بېكىتىدىن 1222 سى بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە تاقىۋېتىلگەن، تيەنيا قاتارلىق تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان بەش مۈنبەر تور بېكىتى مەخسۇس تەكشۈرۈلگەن، بۇ ھىسسىيات، مودا، كۆڭۈل ئېچىش، ۋېدىئو، رەسىم چاپلاش قاتارلىق 150 دىن ئارتۇق بۆلەك ۋە سەھىپىگە چېتىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەركەزدىكى ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە ئاساسلىق سودا تور بېكەتلىرى مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئالاقىدار سەھىپىدىن 50 دىن كۆپرەكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقىۋېتىلدى، شەھۋانى مەزمۇندىكى ماقالىلاردىن 2200 دىن كۆپرەكى تەكشۈرۈپ ئۆچۈرۋېتىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved