گوۋۇيۈەن «يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرىزنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

يېقىندا گوۋۇيۈەن «يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرىزنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرىزنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.


كۆپ يىللاردىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئالغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزلەر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىدى. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما قەرز ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت، بەزى جايلاردا بەلگىلىك خېيىم-خەتەر يۇشۇرۇن خەۋپى بار.


شۇڭا «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «قويۇپ بېرىش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىم ئالغا سىلجىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، «قەرز ئېلىش، ئىشلىتىش، قايتۇرۇش» بىرلەشتۈرۈلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز باشقۇرۇش مىخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، قېلىپلاشقان يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز ئېلىش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مىخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىش. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق قەرز ئېلىش ھوقۇقى بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، قائىدە بويىچە قەرز ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

 

ئىككىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ كۆلىمىنى كونترول قىلىش ۋە خامچوتىنى باشقۇرۇش. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرز ئالغاندا تەستىقلانغان سوممىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك، قەرز سوممىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر چېكى بەلگىلەنگەن سومما ئىچىدە ئالغان قەرز ئاممىۋى پاراۋانلىق كاپىتالى چىقىمى ۋە ساقلانما قەرزنى مۇۋاپىق قايتۇرۇشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، دائىملىق چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپىنى كونترول قىلىش ۋە ھەل قىلىش. يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مىخانىزمى ئورنىتىپ، خېيىم-خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن قەرز يۇقىرى خېيىم-خەتەر رايونلىرىنىڭ خەۋپىنى تەدرىجى تۆۋەنلىتىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
03-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek