جاھان ئاگېنتلىقى 27-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتىتى، نۇرسۇلتان نەزەربايوفنىڭ سايلام بېلىتىنىڭ يۈزدە 97.7% گە ئېرىشىپ يېڭىدىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. مەركىزى سايلام كومىتىتى باشلىقى كۇاندۇك تۇرگانكۇلوۋ، ئاستانەدە ئاخبارات يىغىنى ئېلان قىلىپ، كەسكىن بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا نەزەربايوفنىڭ سايلام بېلىتىنىڭ يۈزدە 97.7% گە ئېرىشپ قايتىدىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تىزىملاتقان 9.5 مىليون بىلەت تاشلىغۇچىدىن يۈزدە 95.22% ى بىلەت تاشلىغان بولۇپ، پرېزىدېنت نەزەربايوفنىڭ رەقىبلىرى كومىنىست پارتىيىسى نامزاتى تۇغۇن سىزدىكوۋ 1.6% ئاۋازغا، مۇستەقىل نامزات ئابىلغازى كۇسائىنوۋ 0.7% ئاۋازغا ئېرىشكەن. سايلامنىڭ كەسكىن نەتىجىسى دۆلەت مىقياسىدىكى 14 رايۇندىكى بىلەتلەر قايتا بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن 3-مايدا ئېلان قىلىندىكەن. قازاقىستاندا 2007-يىلىدا قانۇن تۈزۈش ھۇقۇقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە دېموكراتىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانلانغان ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىش خىزمىتى قۇبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 يىل بولۇپ كېيىن 5 يىلغا چۈشۈرۈلگەن. نەزەربايوف 1989-يىلىدىن بۇيان پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان بولۇپ ، 5-قېتىملىق پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى. پرېزىدېنت نەزەربايوف بۈگۈن دۆلەت سارىيى ئاق ئوردىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ سايلام غەلبىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved