ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
130مىليارد 100مىليون دوللارلىق دېڭىز بويى رامكىسى توختامىدا جۇڭگونىڭ چەتئەلدە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش يەككە توختام سوممىسىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى .ئېلىمىز ياساشنى ئۈستىگە ئالغان خەلقئارالىق دۆلەت ھالقىغان ئېلېكتىر لەشكەن بۇ تۆمۈر يولغا 5-ئاينىڭ 8-كۈنى رېلىس ياتقۇزۇش باشلاندى .
جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرلىشى جۇڭشىن شېركىتى بىلەن نىگېرىيە ئىمزالىغان بۇ توختام تۈرى نېگىرىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئون ئوبلاستىنى ۋە پۈتكۈل نېگىر دېلتىسىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ . ئومۇمىي مۇساپىسى 3580 كىلومېتىر بۇلۇپ 22 بېكەت تەسىس قىلىنغان ھەممىسى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە بۇلۇپ ، غەربىي ئافرىقا ئىقتسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تۆمۈر يول تور ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرشىنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسمى .
تۈر قۇرۇلۇشىغا ئۈچ تۆت مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش باشلاش ماشىنىسى ،پاراۋۇز ،ئاپتوموبىل ،پولات ماتېرىيالى ، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار كېتىدۇ ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭگو كارخانىسى چەتئەلدە ياسىغان يەنە بىر دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول ئېفىئوپىيە جىبوتى جۇمھۇرىيىتى تۆمۈر يولىدا رەسمى رېلىس ياتقۇزۇلدى ، بۇ چەتئەلدە تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان ئېلېكترلەشكەن تۆمۈر يول .
لاھىيلەشتىن قۇرۇلۇش قىلىش ،قۇرۇلۇش ماشىنىسى ،خەۋەرلىشىش ،ئېلېكترلەش ئۈسكۈنىسى ۋە پاراۋۇز ئاپتوموبىلغىچە جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتى ئىشلىتىلدى . جۇڭگولۇقلار بىلەن بىرلىكتە تۆمۈر يول ياسىغان شۇ جايدىكى كىشلەر بىلىم ئۆگىنىدۇ .جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ . بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۆمۈر يولنى ئۆزلىرى ياسىشىغا ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved