جاھاندىكى بىر ھەپتىلىك ئىشلارغا نەزەر

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى مەككە، سانسىزلىغان مۇسۇلمانلار چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ ھەج تاۋاپ قىلماقتا.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، كېنىيە نايروبى، گارىسسا ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ھۇجۇمدا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتى جەسەت ساقلاش ئۆيىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، ئائىلە تاۋاباتلىرى جەسەتنى تونۇغاندا ناھايىتى ئازابلانغان. كېنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاپرېل، نۆۋەتتە كېنىيەنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى ئۇنىۋېرىستېتقا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 148 گە يەتكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.


شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، فىلىپپىننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى قامچىلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، مۇقەددەس ھەپتىنىڭ كېلىشىنى تەبرىكلىگەن. قامچىلاش مۇراسىمى يەرلىك كاتولىك دىننىي مۇرىتلىرىنىڭ دىننىي ئېتىقاد قانۇن-تۈزۈملىرىدىن بىرى.

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، خەلقئارالىق بوشلۇق بېكىتىدىكى ئۇچقۇچى Samantha Cristoforetti تەيفېڭ بورىنىنى رەسىمگە تارتىۋالغان. بۇ يىل 4-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنىنىڭ مەركىزى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە فىلىپپىن مانىلانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىن تەخمىنەن 2190 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتلانتىك ئوكيان ئوكيان يۈزىگىچە كەلگەن بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك 10.2 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 140.6 گرادۇس، مەركىزى ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 17 بالدىن يۇقىرى بولغان. مەركىزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى 905 پاسكال بولۇپ، يەتتە بال بوراننىڭ ئاي قوتىنى رادىئۇسى 240~360 كىلومېتىر، 10 بال شامال ئاي قوتىنى رادىئۇسى 110~150 كىلومېتىر، 12 بال بوراننىڭ ئاي قوتىنى رادىئۇسى 80~90 كىلومېتىر ئىكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامېرىكا ئالياسكا شىتاتى كلارك كۆلى، 47 ياشلىق كانادا تەبىئىي مەنزىرە فوتوگرافى Marc Latremouille ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شىتاتى كلارك كۆلى دۆلەت باغچىسىدا شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئائىلە قوڭۇر ئېيىقلىرىنى تارتىۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى رەسىملەردە بىر 400 قاداق كېلىدىغان «تەخمىنەن 181 كىلوگرام» ئانا قوڭۇر ئېيىق ناھايىتى تېزلىكتە ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئېتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بالىسىغا بىر ئېيىقلارغا خاس بولغان قۇچاقلاش ھەدىيە قىلغان. باشقا بىر قىسىم رەسىملەردە بولسا ئىككى قوڭۇر ئېيىقنىڭ چېلىشقان، يۈگۈرۈشكەن ھەمدە ئوزۇقلۇق تۇتقان كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ مەركىزى Mozaffarābād، بۇ يەردە بولسا بىر نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى قوراللىق مەشىققە قاتناشماقتا. دوكلاتقا قارىغاندا، تالىبانلار پاكىستاندىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ 136 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قوراللىق مەشىق قىلىش دەرسى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا قورالنى قانداق ئىشلىتىشنى ۋە ئۆزىنى قانداق ساقلاشنى ئۆگەتكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، نىپال كاتماندۇ، Baishak Asnan بايرىمى مەزگىلى، ھىندىستان مۇرىتلىرى Balaju Baise Dhara دا يۇيۇنماقتا. بۇ يەردە ئورماقلىقتىن ئېقىپ چىققان 22 دانە بۇلاق سۈيى تاش ئېغىزى بار بولۇپ، دىننىي مۇرىتلار مۇقەددەس سۇ دەپ قاراپ بۇنىڭ تېرە كېسەللىرىنى داۋالايدىغانلىقىغا ۋە ئاغرىق توختىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، پاراگۋاي Luque، ئورۇنلىغۇچىلار پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ قازاغا يولۇققان كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋالماقتا.

 



خەتكۈچلەر:
07-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.      كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
08-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
08-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھى سالمان ۋەزىپىدە ئولتۇرغىنىغا 20 يىل بولغان نېفىت مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە نېفىت مىنسىتىرلىكىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتمەچكى بولغان. ...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى. 7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: مې...
08-05-2016
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقىلى 70 نەچچە يىل بولدى. ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپمۇ 60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تا بۈگۈنگىچە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىيالمىدى....
08-05-2016
    بىرما تەشۋىقات مىنسىتىرلىكى 7- ماي ئۇچۇر چىقىرىپ، بىرمىنىڭ سان شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان بازار مونگىلا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىل...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.     7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
08-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇپ نامى ئاتىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان ترۇمپو 6- ماي تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم ياپونىيەگە قاراتتى. ترۇمپ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ناۋادا ياپونىيە ئا...
08-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچى تەرەپ 6–چېسلا بىر ئەرنى قولغا ئالغان، بۇ ئەر ئىككى كۈن بۇرۇن ۋاشىنگتون رايونىدا ئۈچ قېتىم قوراللىق ئوق چىقىرىش دېلوسى سادىر قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئا...
08-05-2016
    تۈركىيە باش مىنىستىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى داۋۇت ئوغلۇ 5- ماي ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەنقەر...
Powered by Leglek