تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى پۇت ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتىدىكەن، بۇنداقلار تۆۋەندىكى بەش خىل پۇت ئاغرىقىغا سەل قارايدىكەن.
پۇت بارمىقى ئۈگىلىرى ئىششىپ ئاغرىش بۇنىڭدا پۇت بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ، ئىششىپ ئاغرىيدۇ، ماڭغاندا تېخىمۇ ئاغرىش ھېس قىلىدۇ. بۇ ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئاياغ كىچىكرەك بولۇپ، پۇتنى قىستاپ قويسا، پۇت بارمىقى ئۈگىلىرى ئىگىلىپ تومپىيىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا، كەڭرەك ئاياغنى يۇمشاق پىتەك سېلىپ كىيسىڭىز، پۇت بارماقلىرىغا بولغان بېسىم يېنىكلەپ، ئاغرىق پەسىيىدۇ، پۇتىڭىزغا مۇز تاڭسىڭىز ئىششىق يانىدۇ.
پۇت سانجىپ ئاغرىش، مۇجۇپ ئاغرىش، قىزىش تاپاندىن پۇت بارمىقىغىچە، بولۇپمۇ3 – ، 4 – بارماققىچە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە، تاپىنىڭىز تەكشى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئايىغىڭىزنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز ئىكەنلىكىنى ياكى ئايىغىڭىزنىڭ پۇتۇڭىزنى قىستاپ قويغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. بۇنداق چاغدا پۇت شەكلىنى تۈزەش ئەسۋابىنى ئىشلىتىڭ، ئالاھىدە پىتەك تىكتۈرۈپ سېلىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئاغرىق پەسىيىدۇ.
پۇت ئۆكچىسى ئاغرىش بۇنداق ئەھۋال تاڭ سەھەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ئۆكچىنىڭ ئۈستى تەرىپى ئىششىپ قالىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. بۇ ئىششىق ۋە ئۆكچە پېيى سوزۇلۇپ كەتكەنلىكنىڭ ئاقىۋىتى. بۇنداق چاغدا مۇۋاپىق دەم ئېلىڭ، كېرىلىپ ھەرىكەت قىلىڭ، پىتەك ياكى ئۆكچە پىتىكى سېلىپ، ئۆكچە پېيىنىڭ تېخىمۇ سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ.
ئوشۇق ۋە تاپان سىلكىنىپ ئاغرىش بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە تاڭ سەھەردە كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئاغرىمايدۇ، بۇ كۆپىنچە ھەرىكەت بەك كۆپ، كۆتۈرگەن نەرسىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن پەي سوزۇلۇپ يارىلانغانلىق ۋە ئىششىغانلىقتىن بولىدۇ. بۇنىڭدا كۆپرەك دەم ئالسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، پۇتقا بېسىمى بەك ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماڭ، سېمىزلەر مۇۋاپىق ئورۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. پۇتى ناتەكشى بولغانلار كېچىدە ئالاھىدە ئىشلەنگەن تېڭىق تاختىسىنى ئىشلىتىپ، پۇت ئەگمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە پەيگە بولغان بېسىمنى يېنىكلىتىشكە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
تاپان سانجىپ ئاغرىش ۋە ئۇيۇشۇش زىيادە ھەرىكەت ياكى يېشى چوڭايغانلىقتىن، تاپان ئۇيۇشۇپ ئاغرىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئالاھىدە پىتەك سۆڭەكنى ئاسرايدۇ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ئىششىق ياندۇرۇش ئۇكۇلى ئىششىقنى تېز ھەم ئۈنۈملۈك ياندۇرىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved