مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 1-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭلىق 20 كىشى مەملىكەتلىك ئىلغار دېھقان ئىشلەمچى شەرىپىگە، ئىككى ئورۇن مەملىكەتلىك دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن شەرىپىگە ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، 2015-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 18 مىڭ دېھقان ئىشلەمچى(ئادەم /قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز 11 مىليون يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى (ئادەم/قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، 3 مىليون يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى (ئادەم/قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى پىلانلىغان.(تامام)
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved