7-ئاينىڭ 16-كۈنى، بەشىنچى قېتىملىق ئادەم ئېلىپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاپوللو 11 ناملىق ئالەم كېمىسى ساتۇرىن بەشىنچى نومۇرلۇق راكېتاغا بېسىلىپ، كېننېدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى، ئۈچ كۈن ئۈچقاندىن كېيىن ئاي شارىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قونغان.
Neil ArmstrongبىلەنBuzz Aldrinئايغا قونۇش بۆلۈمچىسىدىن چىقىپ كەلگەن، شۇنداقلا يەر شارىدىكى 600 مىليون كۆرۈرمەنگە قىسقا سىن فىلىمى يوللىغان.
Neil Armstrong ئاي شارىدا 2.5 سائەت سەرىپ قىلىپ، ئىنتايىن قىممەتلىك ئەۋرىشكە ماتىرىياللىرىنى يىغىپ چۈشۈپ،جون كېنېدى زۇڭتۇڭ تۈزگەن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىكى ”سەككىز يىللىق نىشان “ نىڭ تەلىۋىنى قاندۇرغان.
ئاپوللو 11نىڭ ۋەزىپە ئىجراقىلىش داۋامىدىكى راسخوتلىرىنى ھۆكۆمەت ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، خۇسۇسىلارنىڭ ئالەم بوشلۇغىنى تەكشۈرۈش ئىشى ئون نەچچە يىل داۋام قىلغان .مۇنداقچە ئېيتقاندا Elon Musk بەرپا قىلغان Space X شىركىتى خەلقارالىق ئالەم پونكىتىغا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىغان.
ئەپسۇسلىنىرلىق ئىش شۇكى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى يوق، ئەمما سىرتقى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە 40 نەچچە يىل بۇرۇنقى سەۋىيەدە توختاپ قالغان. بەلكىم بۇ ئورگاندا راسخوت يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولىشى مۈمكىن، شۇنداق بولىشىغا قارىماي بۇ ئورگانكەلگۈسىدە قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى بىپايان بوشلۇقنى تەكشۈرۈش ئۈمۈدىدە بولغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved