گۈزەل چولپان دېپىكا پادۇكون 30 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

    ھىندىستان كىنو چولپىنى دېپىكا پادۇكون 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگىندا تۇغۇلغان، بىر ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى دۇنيا پەي توپ چىمپىيونى پراكاش پادۇكون. دېپىكا پادۇكوننىڭ ئانا تىلى كونكانى تىلى (ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان 2 مىليون نوپۇسقا ئىگە مىللەت كونكانى مىللىتى).

    ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دېپىكانىڭ پەي توپ ئويناش سەۋىيىسى دۆلەتلىك دەرىجىگە يېتىدىغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تەنھەرىكەتچى بولۇشتىن ۋاز كېچىپ مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە ناھايىتى تېزلا بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىققان. 2007-يىلى ئۇ مىسىلسىز ھالدا تۇنجى فىلىمىدىلا بوللىۋود خانى شاھرۇھ خان بىلەن ھەمكارلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇدا «ئاج كالنى ياخشى كۆرۈش» قاتارلىق بىرقانچە چوڭ فىلىملەردە رول ئېلىپ چولپانلىق ئاساسىنى تىكلىگەن. لېكىن 2010-يىلى 2011-يىلىغىچە ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ ئىشلىگەن فىلىملەر ئۇدا مەغلۇب بولۇپ كەسپىدە كىرىزىس پەيدا بولغان، بەختكە يارىشا دېپىكا 2012-يىلى «كوكتىل ھارىقى» بىلەن كۈچلۈك ھالدا قايتىپ كەلگەن. 2013-يىلى بولسا پۈتۈنلەي دېپكا يىلى بولۇپ قالغان. بۇ يىلى ئۇ ئەڭ بازارلىق ئون فىلىمنىڭ تۆتىدە رول ئالغان، «مۇسابىقە 2»، « تەلۋە ياشلىق»، «چېنناي تېز پويىزى»، «رام لېلا» قاتارلىق. ئۇ شاھرۇھ خان بىلەن قايتا ھەمكارلاشقان فىلىم «چېنناي تېز پويىزى» شۇ ۋاقىتتا ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور بېلەت كىرىمى ياراتقان فىلىم بولۇپ قالغان.

     2014-يىلى ئۇ يەنە شاھرۇھ خان بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ بېلەت كىرىمى رېكورتلىرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن 2015-يىلى تارىخىي فىلىم «باجىراۋ مەستانى» دە خانىش مەستانىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك رول ئېلىش ماھارىتىنى قايتا نامايان قىلغان.

     بوللىۋودتا ئاللىقاچان ئايال ئارتىسلارنىڭ كەسپىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ياراتقان دېپىكا ھازىر نەزىرىنى خەلقئارا يۆتكىدى، ئۇ خەلقئارالىق چولپان ۋىن دېسل، لى ليەنجيې بىلەن ئىشلەيدىغان ئىشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، كەسپىدىكى بۇ يېڭى يارقىن نۇقتا بىلەن دېپىكا پات ئارىدا ھەقىقىي دۇنياۋى چولپان بولۇپ قالغۇسى!



خەتكۈچلەر:
06-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek