ترامپ ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولسا قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟

شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ ئوھىئو شىتاتىدىكى بىر مەيدان سايلام پائالىيىتدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.  جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 19-چېسلادىكى تېلېگراممىسى:  ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تونالد ترامپ بۇندىن ئىلگىرى «غەلىتە» سۆزلەرنى قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، ناۋادا ئۇ 45-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانسا، ئامېرىكىدا قانداق قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

1. ئامېرىكىدا سەددىچىن سېپىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ ترامپ ئالدىنقى كۈنى تىۋىتتىر تورىدا سۆزلەپ، مۇنداق دېدى:«سەككىز نەپەر سۈرىيىلىك جەنۇبىي قىسىمدىكى چېگرىدىن ئامېرىكىغا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ قولغا ئېلىندى، ئۇلار بەلكىم «ئىسلام تەشكىلاتى» نىڭ ئادەملىرى بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇندىن بۇرۇن دېگەن، بىز بىر ھەيۋەتلىك تامغا موھتاج» . ناۋادا ترامپ ئاقسارايغا كىرسە، ئامېرىكا ئۇنداقتا دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان، زامانىۋى دۇنيادىكى 10-چوڭ مۆجىزە-مېكسىكا سېپىلىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇشقا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئامېرىكىلىقلارمۇ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە رەسىمگە چۈشۈشكە تازا باپ كېلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ.

2. مەسچىتلەر تارىخقا ئايلىنىدۇ .


ترامپ كۆپچىلىكنى «ئىسلام ۋەسۋەسىسى»گە سېلىپ قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا مەسچىتلەرگە، ئىسلامغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2015-يىلى مەسچىتلەرگە قارشى كەيپىيات ئەڭ ئەۋج ئالغان بىر يىل بولدى. بۇ خىل ئەھۋال يەنە داۋاملىق كەسكىنلىشىدۇ. ناۋادا ئۇ زۇڭتۇڭ بولسا، مەسچىتلەر تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن.


3. ئاخبارات ئەركىنلىكى يوقىلىدۇ.

ترامپ ئىلگىرى ئاشكارا سورۇنلاردا سۆزلىگەندە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مۇخبىرلار ئەڭ سەمىمىيەتسىز كىشىلەردۇر دېگەن. ئۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولسىمۇ، ئۇ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى باسىدۇ، مەسىلەن، بەزى مۇخبىرلارنىڭ ئۆزى قاتناشقان يىغىنلارنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايدۇ.

4. مۇھىت مەسىلىسى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ .

ترامپت بۇندىن ئىلگىرى فېدىراتسىيە مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسىنى كارغا كەلمەس جازا دېگەن. ناۋادا ئۇ زۇڭتۇڭ بولسا، مۇھىت ئاسراش

مەھكىمىسىنى بىكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار تېخىمۇ ئېغىر بولغان تەبىئىي ئاپەت ۋە ئادەم ئاپىتىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، يەر شارى مۇھىتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ، بۇ چاغدا ئامېرىكىدىمۇ شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. بۇندىن باشقا يەنە، مىچىگان كۆلىنىڭ بۇلغىنىشى پەقەتلا بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ.

5. ساقچىلارنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىلىدۇ .

ترامپت ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇنازىرىسىدە سۆزلەپ: «ساقچىلار ئامېرىكىدىكى ئەڭ خورلىنىۋاتقان ئادەملەر توپى» دېگەن. گەرچە 2015-يىلى ئامېرىكىدا، ساقچىلار 1134 نەپەر قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ترامپ بۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى. ئۇ زۇڭتۇڭ بولسا، ساقچىلارغا ئامراق بۇ مىجەزىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ساقچىلارغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىشى مۇمكىن.

6. مائارىپ تارماقلىرىنىڭ رولى قالمايدۇ ترامپ بۇندىن ئىلگىرى مائارىپ تارماقلرىنى تەنقىد قىلىپ:«بىز چوقۇم مائارىپنى قويۇۋېتىشىمىز كېرەك، مائارىپنى ئائىلە باشلىقلىرى كونترول قىلىشى، ھەرگىزمۇ سايلامغا قاتناشمىغان ۋاشىنگتوندىكى ئەمەلدارلار بەلگىلىمەسلىكى كېرەك».

7. پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىغا ئۆچ بولىدۇ .

ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ نامزات ترامپنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دوست بولالمايدۇ، مېكسىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئىلگىرى ترامپنىڭ مېكسىكىلىق كۆچمەنلەرنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى قاتتىق سۆككەن ئىدى.

8. قورال ئېلىپ يۈرۈش ئادەتكە ئايلىنىدۇ .

ترامپت 2015-يىلى 10-ئايدا سۆزلەپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا، كىشىلەرنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈشى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك دېگەن.  ئۇ زۇڭتۇڭ بولسا، بۇ ئىككىنچى ماددا بىرىنچى ماددىغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈشى ئادەتكە ئايلىنىپ، قورال سودىسى گۈللىنىدۇ.

9. مۇقىم باھالىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىكار قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىنلىشىدۇ .

ترامپت ئىلگىرى ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئاپەت دېگەن. ئۇ زۇڭتۇڭ بولسا، ئېھتىمال بۇ مۇقىم باھالىق داۋالىنىش قانۇن لاھىيىسىنى بىكار قىلىدۇ. كىشىلەر چېچەك كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، ئۇنداقتا بۇ قانۇن لاھىيىسى ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ.

10. سىز تۆت-بەش جان ياشايدىغان ئائىلىنى باقالمايسىز ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ھەر سائىتى 7.25 ئامېرىكا دوللىرىدا ساقلاشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ چاغدا، ئامېرىكىدا غەلبە قازانغان بىر ئادەمنىڭ، بىر يىللىق باجدىن كېيىنكى مائاشى 13926.83 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ.  يۇقارقى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئېھتىمال چاقچاق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ترامپ زۇڭتۇڭ بولسا، نامراتلار، كۆچمەنلەر، قارا تەنلىكلەر، ئاياللار، موسۇلمانلار ئاپەت خاراكتىرلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek