رۇسىيە تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بىلورۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشىنكو 10-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا جىددىي ۋەزىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپلا قالماستىن، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى بوشلۇققا تەسىر يەتكۈزدى دېدى.
لۇكاشىنكو مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا جىددىي ۋەزىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كىيىنكى بوشلۇقنىڭ بىر گەدىلىشىش ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ مىنسىك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم رايونىدا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
لۇكاشىنكو يەنە مۇنداق دېدى: توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپلا قالماستىن يەنە مىنسىك سۆھبىتى مەزگىلىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved