پارىژدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە ئادەم قۇتقۇزغان مۇسۇلمان ئىشچى فىرانسىيەنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

‹‹ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 20-يانۋار فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئافرىقىنىڭ مالىدىن كەلگەن لاسسانا باتىلى يەھۇدىيلارنىڭ تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹قەھرىمان›› دەپ تەرىپلەنگەن ھەمدە فىرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن. باتىلى يەھۇدىيلار تاللا بازىرىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئۇ مېھمانلارنى باشلاپ سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە قېچىپ كىرىپ، چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، سوغۇق ساقلاش ئۆيىنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ بىر بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.


2006-يىلىدىن بۇيان باتىلى ئىزچىل فىرانسىيەدە تۇرۇپ كەلگەن، بۇلتۇر ئۇ فىرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا باشلىغان.

 


ۋەقە ھەققىدە:

 


فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى يەھۇدىي تاللار بازىرىدا 9-يانۋار تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئافرىقىلىق بىر مۇسۇلمان دۇكان خادىمى خەتەرگە قارىماي قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرنى سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشلىرى ھەققىدە فىرانسىيەنىڭ تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە خەۋەر بېرىلگەن، ئۇنىڭ سۈرەتلىرىمۇ توردا كۆپلەپ تارقالغان.

 


بۇ غەربىي ئافرىقىدىكى مالىدىن كەلگەن 24 ياشلىق دۇكان خادىمى باتىلى بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇ تولىمۇ خىجىلچان بولۇپ، پەقەت ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ، ئۇ ۋەقەدىن كېيىن فىرانسىيەدىكى BFMTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىر توپ ئادەمنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال سوغۇق ساقلاش ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى، ئاندىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۆكۈۋېلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى، تېررورچىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە سوغۇق ساقلاش ئۆيىنىڭ چىراغلىرى ۋە توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

 

ئۇ قورقۇپ كەتكەن خېرىدارلارغا: سىلەر بۇ يەردە جىم تۇرۇڭلار، مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي.

 


باتىلى ئارقىدىنلا مال توشۇش لىفىتى بىلەن سىرتقا چىقىدۇ، ساقچى تەرەپ دەسلەپتە باتىلىنى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ شېرىكى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنى ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ يېتىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ، ئارقىدىنلا قولىغا كويزا سېلىپ يېرىم سائەتتەك ئاۋارە قىلىدۇ. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ساقچى تەرەپ دۇكان ئىچىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپىدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
Powered by Leglek