پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【خان مادرىد كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيىلىكلەر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 23 ئۆتكەندە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان خان مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا رونالدو جامىسقا ياردەمچى پاس بەردى. جامىس بىر توپ كىرۈزدى. بېل ئىختىيارى توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈۋەتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ناچو بىر توپ كىرگۈزدى. كونتېرىۋا قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيىلكلەر كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ يېڭى يىلدىكى تۇنجى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
【چېلسىي كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن نىيۇكاستىل كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 23 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسىدىكى چېلسىي كۇلۇبى بىلەن نىيۇكاستىل كۇلۇبى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە چېلسىي كۇلۇبىنىڭ مەيدانى سىتامپۇرد كۆۋرۈكىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئوسكار ئىختىيارى توپنى تېز باشلاش ئارقىلىق ئىۋاننوۋىچ بەرگەن ياردەمچى پاسنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا دىيوگو كوستا ئوسكار بەرگەن ياردەمچى پاسنى ئېلىپ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. ئاخىرىدا چېلسىي كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىدا نىيۇكاستىل كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
【مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 1-1 نەتىجە بىلەن ئېۋىرتون كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 23 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە گوردسۇن باغچىسى توپ مەيدانىدا ئېۋىرتون كۇلۇبى مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھېچكىم توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا فېرناندىنئو چېلسىي كۇلۇبى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى. نايسىمىس ئېۋىرتون كۇلۇبى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. ئاخىرىدا نەتىجە 1-1 بىلەن تەڭلىشىپ ئاخىرلاشتى. مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى نومۇر تاختىسىدا چېلسىي كۇلۇبىدىن ئىككى نومۇر كەينىدە قالدى.
【لىۋىرپول كۇلۇبى 1-0 نەتىجە بىلەن ساندېرلان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 20:45 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسىدىكى لىۋىرپول كۇلۇبى بىلەن ساندىرلان كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسى نۇرلۇق باغچىسى توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ماركوۋىچ بىر تو كىرگۈزدى. ئاخىرىدا 10 كىشىلىك ساندېرلان كۇلۇبى لىۋىرپول كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ماركوۋىچ ئۆزىنىڭ لىۋىرپول كۇلۇبىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى.
【ئون كىشىلىك ئا س مىلان كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن تۇرىن كۇلۇبىغا تەڭلىشىپ قالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى تۇرىن كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئا س مىلان كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مېرنىل نۇقتا توپ پۇرسىتىە ئېرىشتى ھەم ئۆزى توپنى كىرگۈزدى. دېسرىئو ئىككى سېرىق كارتا قىزىل كارتىغا ئايلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا گىرىك كاللا توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا ئا س مىلان كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن تۇرىن كۇلۇبىغا تەڭلىشىپ قالدى.
【پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى 2-4 نەتىجە بىلەن باستىيا كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچە سائەت 0 بولغاندا فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى باستىيا كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى ئاۋۋال ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئاندىن ئارقىمۇ ئارقا تۆت توپ كەتكۈزۈپ قۇيۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولدى. نومۇر تاختىسىدا يەنىلا ئۈچ نومۇر پەرق بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved