ئىقتىسادشۇناس، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ ئوبزورچىسى ما گۇاڭيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
مۆلچەرلىشىمىزچە جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۆلۈك كەسىپىدىن 2017-يىلغا بارغاندا مەسىلە چىقىدۇ، شۇ چاغدا ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجدىن ئېشىپ كىتىپ، ئۆي ئادەمدىن كۆپ بوپكىتىدۇ. لىكىن 2014-يىلى بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، ئالدى بىلەن پۇل قىس بولۇش ۋەزىيتىدىن ئۆتەلەمدۇ-يوق دىگەنگە قاراش كېرەك.
ما گۇاڭيۈەن-ئىقتىسادشۇناس، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئىقتىساد ئىلىمى دوكتۇر ئاشتىسى. ئۇ ھازىر مەركىزى ئىقتىساد كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ ئوبزورچىسى.
2014-يىلنى زادى قانداق تەرىپلەشتە، پەقەت بىرلا سۆزنى ئىشلىتىش مۇمكىن، يەنى نازۇك. نىمىشقا نازۇك دەيمىز؟ چۈنكى باشقا سۆز بىلەن بۇنى ئىپادىلەش بەكمۇ قىيىن، جۇڭگۇ ئىقتىسادىدا خېيىم-خەتەر بىلەن پۇرسەت ھەقىقەتەن تەڭلا مەۋجۇت.
2014-يىلغا يىراقتىن نەزەر
2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان ھەر بىر سانلىق مەلۇمات، كۆرسەتكۈچ يۇقۇرىغا ئۆرلىگەن ۋاقىتتا بىز ئىنتايىن ئەنسىرەۋاتىمىز. 2008-يىلدىن ھازىرغىچە بەش يىل داۋاملاشقان يەر شارى خاراكتىرلىق پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ ئىقتىساد لوگىكىسى ئىنتايىن ئايدىڭ بوپقالدى، ئامىرىكا ۋەكىللىكىدىكى تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر بالانىس جەدىۋىلىنى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولدى، ئەڭ ئەقەللىسى يۈزەكى قارىغاندىمۇ ھوشىنى تېپىش يولىغا ماڭدى. تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر 2013-يىلىدىن باشلاپ ئونىۋېرسال ئىپادە جەھەتتە يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلاردىن ئېشىپ كەتتى. ھالبۇكى ئۆتكەن ئالتە يىلدا يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلارنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپىسى ئىزچىل تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەردىن يۇقۇرى ئىدى.
2013-يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلاردىن ئېشىپ كىتىپ، ئىنتايىن چوڭ بولغان تەتۈر ئايلىنىش كۈرۈلدى، بۇنىڭ ئۆزى بىر چوڭ يول باشلاش بەلگىسى بولدى. ھەر قېتىملىق پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن قارايدىغان بولساق بۇ بىر ئاخىرلىشىش ھەم بىر باشلىنىشتىن دېرەك بىرەتتى. ئاخىرلىشىش دىگىنىمىز يەر شارىنىڭ بىر پۈتۈن ئىقتىسادى كونتىروللىقىنى يوقۇتۇشتىن يەنە نورمال ھالەتكە قايتىش جەريانىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يۈزەكى قارىغاندا ئاساسى جەھەتتىن تاماملاندى. ئەمدى ئۇنى باشلىنىش دىگىنىمىز پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلاردىن چوقۇم مەسىلە چىقىدۇ. يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلارنى كىرزىسقا سۆرەپ كىرىش پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئەڭ ئاداققى تۈگۈنىدۇر. جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى غايەت زور تاشقى پىرىۋوت زاپىسىدىن باشقا پۈتكۈل پۇل بازىرى، تاشقى پىرىۋوت بازىرىدا مەسىلە كۈرۈلمىدى، زور بىر قىسىم يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلار 2013-يىلىدىن باشلاپ ئاللىبۇرۇن كىرزىسقا دۈچ كىلىشكە باشلىدى.
ھازىرقى تارىخى نوقتىدا تۇرۇپ جۇڭگۇغا نەزەر سالساق ئەمەلىيەت يەنە 2008-يىلغا قايتۇرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى كۈرۈلگەندە دۆلەت ئىچىدىمۇ ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت ئىدى، بىرىنچى خىل قاراش بولسا جۇڭگۇ ئۆزىنىڭ غىمى بىلەن بولۇپ باشقىلار بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ دىگەندىن ئىبارەت، يەنە بىر قاراش بولسا ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دىگەندىن ئىبارەت. 2013-يىلدىن كىيىن بىز يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان بازارلاردىن مەسىلە كۈرىلىدۇ دەپ يۈرگەندە جۇڭگۇدىن مەسىلە چىقامدۇ-يوق دىگەن مەسىلىدىمۇ يەنىلا ئىككى خىل قاراش مەيدانغا چىقتى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا 2014-يىلى قانداقلا يول تۇتايلى يەنىلا ئىنتايىن نازۇك. 2014-يىلدىكى جۇڭگۇ ئىقتىسادىغا قاراشتا چوقۇم بىر قەدەر ئۇزۇنراق بولغان نوقتىدىن قاراش، چوڭراق دەۋرىلىكتىن قاراش لازىم.
بۇ دەۋرىلىكنىڭ تۈگۈنى بولالايدىغان بىر مۇھىم ئىش بولسا 2013-يىلدىكى 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىن. 2012-يىلى بىز مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى تىلغا ئالغان، 2013-يىلى جۇڭگۇنىڭ يۈز يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر يىل بولىدۇ. بۇ يىغىننىڭ قانداقراق ئېچىلىشى جۇڭگۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى سۆرەتلەپ، جۇڭگۇ ئالدىغا ماڭامدۇ ياكى كەينىگە چىكىنەمدۇ دىگەننى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگۇنىڭ كەلگۈسى 30 يىلى، 50 يىلى ھەتتا 100 يىلى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ قايتا گۈللىنىشىنى بەلگىلەيدۇ.
ئىككىنچى چوڭ تارىخى تۈگۈنمۇ بەك مۇھىم، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى شەرققە سىلجىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا يەر شارىنىڭ چوڭ دەۋرىيلىكىدىن قارالغان. بۇ بىر نۆۋەتلىك پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن كىيىن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى ئاسىياغا يۆتكىلىپ، ئاسىيا قايتىدىن يەر شارى ئىقتىسادىدىكى بىرىنچىگە ئايلاندى. بۇ ئامىرىكىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئامىرىكىنىڭ يەر شارى ئىستىراتىگىيسىدە بۇ ئىككى يىلدا ئىقتىساد مەركىزىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قايتۇرۇش ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. ئىقتىساد مەركىزىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قايتۇرۇشتىكى مەقسەد جۇڭگۇنى بېسىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاسىيانىڭ مۇھىملىقىنى قايتىدىن تۇنۇپ يەتتى. ئامىرىكا يىتەكچىلىكىدىكى TPP سۆھبىتى ئامىرىكىنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا قاراتقان بىر قاتار تەدبىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، شەرقى ئاسىياغا قاراتقان تەدبىرىدە كۆزلىگەن مەقسەد پەقەت بىرلا يەنى جۇڭگۇدىن ئىھتىيات قىلىش. بۇ يۇشۇرۇن سۈيقەست بولماستىن بەلكى ئاپئاشكارە سۈيقەستۇر.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا جۇڭگۇ نۇرغۇنلىغان سىياسىي قاتلاملىق مەسىلىلەرگە دۈچ كىلىدۇ. جۇڭگۇ تەرەققى قىلغاندا ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئىتبار بەرمىگەچكە جۇڭگۇ تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممسى نامرات. مۇشۇنداق يەرلىك سىتىراتىگىيە ۋە مۇشۇنداق تەرەققىيات جۇڭگۇ تەرەققى قىلسا ئەتراپتىكى خوشنىلار ئالاقىزادە بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بەردى. ئامىرىكىمۇ مۇشۇ نوقتىنى كۈرۈپ يەتتى. شۇڭا جۇڭگۇ ھازىر يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ مۇھاسىرە چەمبىرىكىنى بۇزۇپ تاشلاش شۇنداقلا ئامىرىكىنىڭ جۇڭگۇغا قاراتقان مۇھاسىرىسىنى بىدچىت قىلىش ئۈچۈندۇر. ھازىرقى TPP سۆھبىتىنىڭ سىتىراتىگىيلىك غەرىزى ئىنتايىن ئايدىڭ.
مۇشۇ خىل ئەھۋالدا جۇڭگۇ 2013-يىلدىكى 3-ئومۇمى يىغىن ئىسلاھاتىدا تاقابىل تۇرىدىغنى پەقەت دۆلەت ئىچى مەسىلىسى شۇنداقلا تەرەققىيات داۋامىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر بولۇپلا قالماستىن ئاساسلىقى پۈتكۈل تەرەققىيات داۋامىدا يۇلۇقىدىغان ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىكتىن ئېبارەت بولۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەندىزىسى شۇنداقلا يەرلىك سىتىراتىگىيە جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
3-ئومۇمى يىغىن قارارلىرىنىڭ تولۇق تىكىستى 20 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ، مىنىڭچە يارقىن نوقتىلار ناھايىتى كۆپ، ئىرادە ناھايىتى كۈچلۈك. ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش كوپچىلىكنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈردى، بولۇپمۇ يىغىن قارارىنىڭ تولۇق تىكىستى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر مۇھىم سۆز ئىلان قىلىندى، يەنى باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ بۇ قارارنىڭ لاھىيسىنى يېىزىش توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتىدىن ئىبارەت، بۇ ئىزاھاتتا ئاساسلىقى ئىككى ۋاقىت نوقتىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغان 35 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگۇنىڭ قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىككىنچىسىدە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرۈشى تىلغا ئېلىنغان. جۇڭگۇ ئىسلاھاتىدىكى 3 ۋاقىتنىڭ بىرى 78-يىل، بىرى 92-يىل ئەمدىكى گەپ 3-ۋاقىت 2013-يىل بولۇپ قالامدۇ دىگەن سۇئالدىن ئىبارەت بولۇپ، بىز شۇنداق بولۇپ قېلىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز.
بۇ مەزمۇنلار مىنىڭچە بەلكىم كۆپچىلىككە يېڭىلىق ئەمەس، مەقسەد شۇ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىندا يەتمەكچى بولغان نىشان نىمە؟ جۇڭگۇنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك نەشىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگۇ ئارۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئېبارەت. نىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دىگەندە مىنىڭچە «ئالتىلەشتۈرۈش»: جەمىيەتنى مەمۇرىلاشتۇرۇش، كارخانىنى سالاھىيەتلەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، شەھەر يېزىلارنى ئىككى ئىلمىتلاشتۇرۇش، ئەدىلىيەنى يەرلىكلەشتۈرۈش، مالىيەنى قانۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇ «ئالتىلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن تەس. جەمىيەتنى مەمۇرىلاشتۇرۇشنى مىسال قىلىدىغان بولساق بۇ بىزنىڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۇرچىمىزنى ئورۇنلاش ئەمەس، ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى بۇرچىمىزمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ جۇڭگۇنىڭ 5000 يىللىق تارىخىدىكى بۇرچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگۇ 5000 يىلنىڭ ھەممىسىدە مەمۇرىيەتنى يىتەكچى، مەمۇرىيەتنى مەركەز قىلغان ھالدا بايلىق مەنبەلىرىنى تەقسىملەپ كەلگەن. 3-ئومۇمى يىغىننىڭ روھىدا ئىلگىرى سۈرۈلگىنىمۇ دەل «بازارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تەقسىملەشتىكى بەلگىلەش رولى»، ئەمەلىيەتتە بۇ نوقتىغا يىتىش بەك تەس. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى مەمۇرىيەت ھەركىتىمىزنىڭ ئاساسى نوقتىئىنەزەرى ۋە شەكىللىرىدىن سىرت ئەڭ مۇھىمى بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈرلۈك مەنپەئەتلەرگە قانداق ئىرىشىش مەسىلىسى.
ھازىر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاھاتلار ناھايىتى ياخشى، ھەر بىر تۈرگە قارىساق ھەممىسىدە نۇرغۇن يارقىن نوقتىلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە 3-ئومۇمى يىغىندا دىيلگەن ئىسلاھات پەقەتلا ئىقسادى ساھە بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن 60 نەچچە تۈرلۈك چوڭ ئىسلاھات. 100 نەچچە تۈرلۈك كىچىك ئىسلاھاتقا نىسبەتەن 20 مىڭ خەتلىك مەزمۇن بەك ئازلىق قىلىدۇ، ھەر بىر تۈرنى ئىنچىكە شەرھىلەش لازىم ئىدى. كەلگۈسىدە 3-ئومۇمى يىغىننىڭ 20 مىڭ خەتلىك دوكلاتىدىكى %60 مەزمۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلسىمۇ جۇڭگۇنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بارلىققا كىلىدۇ. ئۇ چاغدا بىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل چۈشى ئەمەلگە ئاشتى دىيشىكە جۈرئەت قىلالىغان بولاتتۇق، بۇ ھەم چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى. ئىسلاھات تەدبىرىلىرى ناھايىتى ياخشى، لىكىن ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەمدۇق-يوق دىگەندىن ئىبارەت.
جۇڭگۇ ئىقتىسادى %8 دىن تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتى دەۋرىگە قەدەم قويدى
2013-يىلى، ئورۇنلاش ھەر ھالدا ياخشى دىيىشكە بولىدۇ، ئەقەللىسى كۆپچىلىككە خېلى رازى قىلارلىق جاۋابتىن بىرسى بىرىلدى، ئۇمۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئاسانغا توختىمىدى.
2014-يىلدىكى جۇڭگۇ ئىقتىسادىغا قاراشتا، بۇ يىلنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش يىلى ئىكەنلىكىگە قاراشتىن سىرت يەنە جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ چوڭ دەۋرىلىكىگە قاراش كېرەك. ھازىر جۇڭگۇ ئىقتىسادى ئۈستىدە سۆز بولغاندا ئىككى خىل قاراشنىڭ توقۇنۇشى ئىنتايىن يامان. ئەڭ ئەڭ ئۆمۈدۋار ئىقتىسادشۇناس بېيجىڭ ئونىۋېرسىتىدىن كەلگەن لىن يىفۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە جۇڭگۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا يەنە %8 لىك ئېشىش 20 يىل داۋاملىشىدىكەن. بۇنىڭغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا 20 يىللىق يۇشۇرۇن كۈچى بار دىگەنلىك بولىدۇ.
بۇ دەۋرىلىككە قانداق قاراش كىرەك؟ 2010-يىل پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئىككىنچى يىلى بولۇپ، جۇڭگۇ ئىقتىسادىدا ئىككى خانىلىق رەقەم بويىچە ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانتى. 2010-يىلدىن باشلاپ ئىقتىساد بارا-بارا چكىندى، 2011-يىلى يەنە چىكىندى. 2012-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە چىكىنىپ، 4-پەسىلدە قاڭقىپ ئۆرلەشكە باشلىدى.ئۆرلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى 4 تىرلىيۇنلۇق مىكرو پىلان ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدى، 2013-يىلى يەنە جىددى ئارقىغا چىكىندى.
بۇ خىل چىكىنىش بىر خىل ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىشمۇ ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئەھۋالمۇ؟ 2010-يىلى يۈزلىنىش ئۆستىدە گەپ بولغاندا مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنى يۈزلىنىش ئەمەس بەلكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تاشقى ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە، مەسىلە ئېغىر ئەمەس دەپ قارىغان. شۇ يىلى مەن جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى %8 دىن تۆۋەنلەپ كىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسام، بەزىلەر مىنى جۆيلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. 2012-يىلىغا كەلگەندە ئەلۋەتتە باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش قىياس قىلىشقا باشلىدى. ئاخىرى ئسىپاتلاندىكى ئالدىنقى بىر قانچە يىلدا ئۆمۈدۋار بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايتى توغرا قىلغاندەك قىلاتتى. 2012-يىلى كىرگەندىن كىيىن بۇ پەقەت توغرا بولماي قالدى. شۇڭا 2014-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش چوڭ دەۋرىلىكىگە باغلىق، بۇ چوڭ دەۋرىلىك زادى نىمە؟ بۇ بولسىمۇ جۇڭگۇ ئىقتىسادى بۇندىن كىيىن يەنە %8 دىن يۇقۇرى سۈرئەتتە ئاشماسلىقى مۇمكىن. 2014-يىلى جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن تەشۋىشلەنمىسەكمۇ بولىدۇ، ئېىشىش يەنىلا %7.5 ئەتراپىدا بولىدۇ. ھازىر جۇڭگۇ ئىقتىسادنىڭ خوت ئالمىشىش پەيتىدە تۇرىۋاتىدۇ، پۈتۈن ئىقتىسادنىڭ يۇشۇرۇن ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتىدۇ.
شى جىنپىڭدىن لى كېچىياڭغىچە، 2013-يىلىدىكى بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە بىردەك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلايدۇ دەپ قارىغان، ئۇلار بىر ئىشنى ناھايتى ياخشى قىلغان، يەنى 2013-يىلى ئەمدىلا ۋەزىپىگە چىققان بىرىنچى يىلدا تۈرلۈك بېسىملارنى تۆۋەنلىتىپ، زىيادە ئىقتىسادى تەسىر پەيدا بولمىغان.
2013-يىلى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ياخشى بولغان، مەسىلەن مەمۇرى تەستىق. مەسىلەن شاڭخەي ئەركىن سودا رايۇنىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى. جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى يەنىلا پۇل مۇئامىلە، پۇل مۇئامىلە ھەل قىلىنمىسا ئەڭ ئاخىردا سىزنىڭ باشقا ئەمەلىي ئىقتىسادىڭىز قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىر پۈتۈن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رىقابىتىدە زىياننىڭ چوڭىنى تارتماي قالمايسىز.
جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھالقا تۇغرا تاللاشتا. 2013-يىلى ئەڭ ئاخىرقى يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قارىتا يۇشۇرۇن خەۋپ قالدۇرماسلىق لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. يېڭى ئىقتىساد دەۋرىلىكى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ %8 دىن تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش دەۋرىلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، چوقۇم ئۇيغۇنلىشىش لازىم.
كۆلەڭگە بانكا ۋە كارخانا زايۇمىنىڭ خېيىم-خەتىرى
مۇشۇ ئارقا كۈرىنىشتىن سۆز ئاچىدىغان بولساق، 2014-يىلى جۇڭگۇ ئىقتىسادىدا ئومۇمى جەھەتتىن راسلا پۇل قىس بولدى. 2013-يىلىدىكى پۇل ئۈنۈمسىزلىكىنى بەزىلەر ۋاقىتلىق دىيشكەنتى، ئەمەلىيەتتە بولسا پۈتۈن يىل پۇل ئۈنۈمسىز بولدى. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا كەلگۈسىدە جۇڭگۇ ئىقتىسادى توغرىسىدا گەپ بوپقالسا بەلكىم زور خىيىم خەتەر دەۋرى كىلىدۇ دىيىش مۇمكىن. مەركەزنىڭ بۇ خېيىم خەتەر توغرىسدىكى مىساللىرى: قەرزدارلىق خېيىم خەتىرى، ئۆي-مۈلۈك خېيىم خەتىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مىنىڭچە مۇشۇ ئىككى خېيىم خەتەر ئەڭ چوڭراق بولۇپ، قەرزدارلىق خېيىم خەتىرىدە قانداق قەرز ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك، ھازىر بىزنىڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز ھۆكۈمەت قەرزدارلىقى. مىنىڭچە ھۆكۈمەت قەرزدارلىقى ئەڭ چوڭ خېيىم خەتەر ئەمەس، ھۆكۈمەت قەرزدارلىقىنى كىلىشتۈرۈپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر ھۆكۈمەت قەرز قايتۇرۇشنى ئويلىسا چوقۇم قايتۇرالايدۇ، چۈنكى يەر تېخى سېتىلىپ تۈگىمىدى. لىكىن ئەڭ چوڭ خېيىم خەتەر كارخانا قەرزدارلىقى بولۇپ، 2014-يىلى كارخانا قەرزدارلىقىنىڭ خېيىم خەتىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجدىن ئېشىپ كىتىدىغان نۇرغۇن كەسىپلەردە قەرزدارلىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى، پۇل تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە كۆپلەپ قەرز ئالىدۇ، مەبلەغ تەننەرخى بەك يۇقۇرى، ئۇلار زادى قانداق قىلماقچى؟ ئۇلار دەل «كۆلەڭگە بانكا» ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ. نۇرغۇن پۇلنى ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنى ئۆز كەسپىگە ئىشلەتمەي ئەكسىچە پۇل ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ پۇل ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجدىن ئېشىپ كىتىدىغان كەسىپلەرگە دو تىكىلسە، تاسادىىپى قولى قىسقا بولۇپ قالسىلا دەسمى بىراقلا غالتەككە چىقىدۇ، ھەر قانداق مەسىلە كۈرىلىدۇ. ھازىر بىزنىڭ قەرزدارلىق كۆرسەتكۈچىمىزدە ئەڭ ئېغىر قەرزدارلىق كۆرسەتكۈچى دەل كارخانا قەرزدارلىقى. مانا بۇ بىرىنچى خېيىم خەتەر.
ئىككىنچىسى كۆلەڭگە بانكا، قايسى ساھەدىن مەسىلە چىقسا ئەمەلىيەتتە مەسىلە دەل ۋاستىچىلىكتىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق لاھىيە، يۈزلىنىشلىرىنىڭ ئاداققى نەتىجىسى پۇل تاپالمايدۇ. ئىلگىرى ئەڭ ياخشى ۋاستىچىلىك كۈمۈر كان، كانچىلىق ۋاستىچىلىكى ئىدى. چۈنكى بۇ كەسىپلەر ئىزچىل ئالغا باساتتى، ياخشى دەۋردە تۇرغاندا كۆپچىلىك ياخشى پۇل تاپالىغان. ھازىر بىز كۈرىۋاتقان ۋاستىچىلىك خېيىم خەتىرى ئاشكارا ھاللدىكى ئىككى تۈرلۈك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق خېيىم خەتىرى بولماستىن بەلكى كەڭ كۆلەمدىكى ماھىيەت خاراكتىرلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقتۇر. يەنە ئۇل مۇئەسسەسسەلەر ۋاستىچىلىكىمۇ بار، ئەلۋەتتە پەردە ئارقىسىدا ھۆكۈمەت تۈر قۇرۇلۇشى دىگەن ياخشى ئاتالغۇ بار. لىكىن ئاشۇ بازارلاشقان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدىن مەسىلە چىقىشى مۇمكىن.
كۆلەڭگە بانكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى نىمە؟ ئۇ پاسسىپ مۈلۈك جەدىۋىلىنى لاھىيلىگەن چاغدا سىزگە قەرزدارلىق مەجبۇرىيتى يوقتەك تۇيغۇ بىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىمى قەرزدار. نامدا پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىش دىيىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكىسىدە سىز چوقۇم پۇل قايتۇرىشىڭىز لازىم. بۇ خېيىم خەتەرمۇ نىسبەتەن زور.
يەنە بىر ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسى بولسا بۇ يىل ئۆي-مۈلۈك كەسپىمۇ ناھايتى نازۇك، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر 1-،2-سەپتىكى شەھەرلەردە مەسىلە يوق، 3-4-سەپتىكى شەھەرلەردە مەسىلە كۈرۈلۈشى مۇمكىن دىيشمەكتە. ئەگەر ئىقتسادنىڭ پاسسىپ ئايلىنىشى يۈز بەرسە بەلكىم ئومۇمىيۈزلۈك مەسىلە كۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، پەرەز قىلىشىمىزچە جۇڭگۇ ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىدە 2017-يىلغا بارغاندا مەسىلە چىقىدۇ، ئۇ چاغدا ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجدىن ئېشىپ كىتىپ، ئۆي ئادەمدىن كۆپ بولۇپ كىتىدۇ. لىكىن 2014-يىلى ناھايىتى نازۇرك بولۇپ، ئالدى بىلەن پۇل قىسلىقىغا تاقابىل تۇرالامدۇ-يوق دىگەن مەسىلە مەۋجۇت. ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكى ساھەسىگە بىرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز قىسقارتىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى 12.2 تىرلىيۇن يۈەنلىك مەبلەغ سېلىنىپ سېلىنما جەھەتتە يېڭىچە ئۆسۈش يارىتىلدى، ئىقتىساد تەتۈر ئايلانغان ئەھۋالدا قانچىلىك ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىك شىركەتلىرى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس. 1-2-ئايلاردا بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ئاللىبۇرۇن ئۆي مۈلۈكچىلىكى ئۈچۈن بايراق پولاڭلىتىپ جاكارچىلىق قىلىشقا باشلىدى، بېيجىڭدا بىر قانچە يۇقۇرى باھالىق بىنادا پۇقرالارنى ئۆي سېتىۋېلىشقا تۈرتكە بولۇش تەستىقلىنىپ، ھەر كۇۋادراتمىتىرنىڭ ئەڭ يۇقۇرى باھاسى 95 مىڭ يۈەن بولىۋاتىدۇ. لىكىن ئۆتكەن يىلى 40 مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى بولسىلا تەستىقلاتقىلى بولمايتى، بۇ يىل ھەممىسى تەستىقلاندى، يەنە نۇرغۇن يەر تارقىتىلدى، مەقسەد شۇكى پەرەز قىلىنغان تەتۈر ئايلىنىشقا تاقابىل تۇرۇپ، كۆپچىلىكنى پۈتكۈل ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.
لىكىن ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تىكلەشتە ئۈچ تەرەپكە قاراش كېرەك، بۇنىڭ بىرىنچىسى پۇل، مەنپى ئۆسۈم نىسبىتىدە پۇلنى كۆپلەپ سېلىش ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب. ئىككىنچىسى موتۇر، ئىقتىسادنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدۇ، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ %20 ى ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىنى يۆلەيدۇ. ھازىر بىز ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىگە قاراپ باقايلى، 2013-يىلى ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ %20گە يەتمەيتى. پەرەز بويىچە بولغاندا نورمال بولغان ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغ %10 ئەتراپىدا بولسا ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجدىن ئېشىپ كىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، %20 دىن ئېشىپ كەتسە بۇ ناھايىتى قورقۇنچلىق ئەھۋال. ھازىر يەنىلا يۇقۇرى خانە بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تۆۋەنلىسە ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بەك يۇقۇرى بولۇشى ناتايىن. ئۈچىنچىسى ئىھتىياج، جۇڭگۇدا كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئۆي كۆلىمى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 40 كۇۋادراتمىتىردىن ئاشىدۇ، بۇ كۆلەم ياپۇنىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيەلەرنىڭ كىشى بېشى ئولتۇراق ئۆي كۈلىمىدىنمۇ ئېشىپ كىتىدۇ.
ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئاساسى قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن كىشى بېشى كۆلەم 35 كۇۋادراتمىتىردىن ئېشىپ كەتسە ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىدە ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تورا كىلىدۇ، بىزدە ئاللىبۇرۇن 40 كۇۋادراتمىتىردىن ئېشىپ كەتتى.
مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىسا ھەم بۇنىڭغا پۈتكۈل ئولتۇراق ئۆي ئىھتىياجى قۇشۇلسا تەمىنلەش بىلەن ئىھتىياج ئاساسى جەھەتتىن تەڭپۇڭلىشىدۇ. بۇ ئۆي زىمىن مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئۈچ موتۇرىنى توختۇتۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.
بۇ يىل ناھايىتى نازۇك، لىكىن ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىسلاھات ئىرادىمىز مۇستەھكەم بولسىلا تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلالايمىز، جۇڭگۇنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ مەسىلە كۈرۈلمەيلا قالماستىن كىچىك مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
جۇڭگۇنىڭ كىيىنكى ھەقىقى ئېشىش نوقتىسى يەنىلا نوپۇس، ئەگەر نوپۇس ئاشمىسا ياپۇنىيە قالغان ئاۋارىچىلىككە قالىمىز. 2010-يىلدىن باشلاپ جۇڭگۇنىڭ ئەمگەك كۈچى نوپۇسى ئاللىبۇرۇن تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ھەمدە ھىندىستاننىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۇزاققا نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ دەل ئەڭ چوڭ غەم-قايغۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved