شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-مارت تېلېگراممىسى: 15-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ختىن كياۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئۇنىڭ بېرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ختىن كياۋنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېرما خەلقىنىڭ چوقۇم دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-بېرما ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو-بېرما قوشنىدارچىلىقى، دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ بېرما تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved