ھوللېۋودنىڭ ئايال چولپىنى ئانجىلىنا جۇلى 16-مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن گىرېتسىيەدىكى مۇساپىلار لاگىرىغا بېرىپ، مۇساپىرلاردىن ھال سوراپ، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىنى قوللىشىنى قايتا تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاخبارات باياناتچىسى دۇجاررىكنىڭ 16-مارت نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا بىلدۈرۈشىچە، ئالجىلىنا جۇلى يېقىندا لىۋاندىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرى لاگىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانجىلىنا جۇلىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ مەقسىتى سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراق توقۇنۇشىدىن قاچقان زور بىر تۈركۈم مۇساپىرلارنىڭ گىرېتسىيەگە كىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىكەن.
مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇلتۇر يانۋاردىن ھازىرغىچە بىر مىليون مۇساپىر گىرېتسىيەگە كىرگەن، بۇ ياۋروپا مۇساپىرلىرىنىڭ %85 ىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇلتۇر 3771 كىشى ياۋروپاغا كۆچۈش جەريانىدا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان ياكى يوقاپ كەتكەن، بۇ يىل يىل بېشىدا بۇ سان 448 گە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved