بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› ىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 


ئالقىش سادالىرى، ئۈمىد كەلگۈسىدىن بېشارەت بەردى، كاتتا يىغىن ئارزۇلارنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بىز ‹‹ئىككى يىغىن›› نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!


بۇ قېتىمقى ‹‹ئىككى يىغىن›› ئاپتونوم رايون تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلغان مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.


ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەزالار تولۇقلاپ سايلاندى؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تولۇقلاپ سايلاندى، بۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، ۋەكىللەر، ئەزالار تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغۋار نىشانىنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان يېڭى مەسىلە، يېڭى ئەھۋال ھەمدە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، پائال ئەقىل كۆرسەتتى. يىغىن نەتىجىسى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئارزۇسىنىڭ بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. يىغىن ناھايىتى جۇشقۇن، جەڭگىۋار روھىي قىياپەتتە داغدۇغىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ››، ‹‹ئەقىل كۆرسىتىدىغان›› يىغىن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا يەنىمۇ جاسارەت بىلەن ئاتلاندۇرىدۇ.

 


بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر يىل، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ھازىر بىز <<ئىككى يىغىن>> روھىنى ئۆگىنىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۈنۈمنى كۆزلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.


بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك. بۇ يىل شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت، خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىز يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىتتىپاقلىق مارشىنى ياڭرىتىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. پەقەت مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كەلسەكلا، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىپ، پايدىسىز شارائىتلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەر يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. ھازىر گەرچە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى ئېنىق، تەرەققىيات نىشانى ئوچۇق، تەرەققىيات تەدبىرى ئۈنۈملۈك، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت تەجرىبىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، بىز پەقەت جەزمەن يېڭىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئادەتتىكىگە تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغان كۈچ ۋە ئەجىر، «ھەقىقىي ئەركەك»تەك مەسئۇلىيەتچانلىق، «كومپارتىيە ئەزالىرىدەك ئەستايىدىل» پوزىتسىيە، «قىلىشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسىنى قىلىش»تەك ئىرادە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولساقلا، شىنجاڭ زېمىنىنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان ئاكتىپ كۈچكە تولدۇرالايمىز.


بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك. بارلىق گۈزەل ئارزۇلارنى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، بىز كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن يەنىلا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى توغرا بېكىتىپ، تەرەققىيات يولىنى توغرا تاللاپ، خىزمەت تەدبىرىنى كۈچەيتكەندىلا، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلار تېز تەرەققىياتنى، ھالقىما تەرەققىياتنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسى بېكىتىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بىز پەقەت ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتتىپاقلىقتا بەسلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاداققىچە، ئىزچىل، كۈچەپ تۇتىدىغان غەيرەت - جاسارەت بىلەن تەدبىرلەرنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز، جىددىي ھەرىكەتكە كەلسەكلا، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ كونكرېت تەدبىرگە، ئەمەلىي ھەرىكەتكە، كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئۈنۈمگە ئايلاندۇرالايمىز؛ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتالايمىز.


تارىخ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىزىنى مۇشۇنداق قالدۇرىدۇ، گۈزەل كەلگۈسى مانا مۇشۇنداق يارىتىلىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ ئېنىق ۋە پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىز بۇرچنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ، تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى!



خەتكۈچلەر:
26-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
      يېقىندا چەت ئەل تورلىرىدا پىشۇرۇقچىلارنىڭ تورتلىرىنى تورغا چىقىرىشى مودىغا ئايلانغاندەك، ھەر قايسى دۆلەتتىكى پىشۇرۇقچىلار بەس-بەستە تورتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقارغان، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-مايدى...
14-05-2016
     رۇسىيە NTV تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە تۈركىيەدىن چىققان كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىمەكچى بولغان. كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ رۇسىيە بازارلىرىدىكى بارلىق تۈركىيە كۆكتاتلىرى ۋە مېۋە-چېۋىلىرى تەم...
13-05-2016
        گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
12-05-2016
       قىزىلتاغ تورى 11-ماي خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى 4-ئايلىق شىنجاڭنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، 4-ئايدا شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئى...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى بىر پىشۇرۇقچى ئىچىملىك بوتۇلكىسى شەكلىدە تورت ياساپ چىققان. بۇ تورتلارنىڭ سۈرىتى تورغا يوللانغاندىن كېيى...
12-05-2016
      كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك ئىستېمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇن، ياغ، گۆش ۋە كۆكتاتنىڭ باھاسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر كىلوسى ئون نەچچە ي...
11-05-2016
    پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.     4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
11-05-2016
يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، يېمەكلىك دورا دەرمەكلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، كونسېرۋا، سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە-چېۋە...
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
Powered by Leglek