ئامېرىكا ئاقساراي 8-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پىرېزىدېنت ئوباما شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ۋە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئابود بىلەن تېلىفونلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىدىغان خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.
بۇندىن ئىلگىرى ئاقساراي يەنە، ئوبامانىڭ شۇ كۈنى ئىراق باش مىنىستىرى ئابادى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراق خەلق پارلامېنتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىراق ھۆكۈمىتىنى ماقۇللىغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. ئوباما، ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved