جۇڭگو تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، سۈرىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى كۇردلارنىڭ قوللىرىغا قورال ئېلىشقا باشلىغان ، مەيلى كىچىك بولسۇن چۇڭ بولسۇن ياكى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك قوللىرىغا قورال ئېلىشىپ ISISغا قارشى تۇرغان .ھەم شۇ ئارقىلىق ھاياتىنى ۋە ئائىلىسىنى جۈملىدىن ۋەتىنىنى قوغدىماقچى بولغان . سۈرەتتە :كۇردلۇق ئائىلە ئاياللىرى قوللىرىغا قورال ئېلىپ جەڭ قىلماقتا .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ISISنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ،كۇردلار ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنى قوغدالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ،شۇ سەۋەپتىن سۈرىيە چېگرىسى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قولغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولغان .ھەمدە ھەر دائىم قورال ئېلىپ يۈرۈشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرماقتا .
سۈرىيە دىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە ،بولۇپمۇ چېگرا رايوندىكى كۇردلار قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قىيىنچىلىقتا قېلىپ جېنىنى ئېلىپ قاچقان پۇقرالارنىڭ تۈركىيىگە ئېقىپ كىرىشىنى توسقان بولغاچقا ،بۇ رايوندىكى كۇردلار ئامالسىزلىقتىن ئاياللار ۋە بالىلارغىمۇ قورال بېرىپ ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved