ئەنگلىيە ‹‹ شەھەر گېزىتى ›› نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەلىك لېۋىس پۇغ پەقەت سۇ ئۈزۈش ئىشتىنىنى كىيگەن ھالەتتە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى نۆلدىن تۆۋەن 1.7 گىرادۇسلۇق دېڭىز سۈيىدە سۇ ئۈزۈپ دۇنيا رېكوردىنى ياراتقان.
ئىگىلىنىشىچە، نۆلدىن تۆۋەن 1.7 گىرادۇستا دېڭىز سۈيى مۈز قاتمىسىمۇ سوغۇقلۇق دەرىجىسىگە گەپ كەتمەيدىكەن. لېۋىس جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ھەدىدىن زىيادە سوغۇق دېڭىز سۈيىدە سۇ ئۈزۈشكە تەۋەككۈل قىلغان تۈنجى ئادەم بولۇپ، تەۋەككۈل جەريانىدا جەمئىي بەش قېتىم سۇغا تاقلاپ ، ھەر بىر قېتىمدا 20 مىنۇتچە سۇ ئۈزگەن، بۇ قېتىمقى تەۋەككۈلدىن كېيىن لۋېىس قول سېزىمىنى يوقىتىپ، تۆت ئايدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved