قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇر «ئەيدىز كېسىلى كىنىشكىسى»نى چىقىرىپ ساقچىنى قورقۇتماقچى بولدى

         11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتە، قۇرۇق بېنزىن تۇڭى باسقان بىر دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل ئېغىر دەرىجىدە نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىپ يولغا چىققان بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن. مەزكۇر ئاپتوموبىل شوپۇرى خاتالىقىنى تونۇمىغان، قاتناش ساقچىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلاشماي ساقچىلار سورىغان مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئارقىدىن شوپۇر يانچۇقىدىن ئۆزىنىڭ «تىراكتور ھەيدەش كىنىشكىسىنى» چىقىرىپ قاتناش ساقچىسىغا بەرگەن. قاتناش ساقچىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بىر پارچە قىزىل ئىسىم كارتىسى چوڭ-كىچىكلىكىدە ئۈستىگە «ئەيدىز كېسىلى بىلەن داۋالىنىش كىنىشكىسى» دەپ خەت بېسىلغان كىنىشكىنى كۆرگەن، لېكىن بۇ كىنىشكىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تامغىسى بېسىلمىغان بولۇپ، راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىكەن.

      قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭغا تەربىيە بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش قىلمىشىغا قارىتا قانۇن بويىچە 100 يۈەن جەرىمانە قويغان، شوپۇر ھېچنېمە دېمەي گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا پۇلنى تاپشۇرغان.

       بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان قاتناش ساقچىسى مۇنداق دېدى: « ئەيدىز بىمارلىرىغا داۋالىنىش كىنىشكىسى» نى ئالغاندىن كېيىن ئۆزۈممۇ بىر ئاز قورقتۇم. بۇنداق كىنىشكا ئادەمگە ناھايىتى كۈچلۈك قورقۇنچ پەيدا قىلىدىكەن. لېكىن ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن جايلاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا خىزمەتچى خادىملار ساختا «ئەيدىز كېسىلى داۋالىنىش كىنىشكىسى» گە يولۇقۇپ باققان.

قاتناش ساقچىسى جاڭ ⅩⅩ شوپۇرغا: «مەن سېنىڭ داۋالىنىش كارتاڭنىڭ يالغانلىقىنى بىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئىشلەتمىگىن» دېگەن. ساختىلىقى پاش بولۇپ قالغان شوپۇر كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىل داۋالىنىش كىنىشكىسىنى يەنە يانچۇقىغا سالغان. قاتناش ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى لىشىن ناھىيەسىدە بۇنداق ئادەملەر كۆپ ئىكەن، بۇ گۇۋاھنامە مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن زۆرۈر تېپىلغاندا يەنە بەك ئەسقاتىدىكەن.

     توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەنخۇي ئۆلكىسى لىشىن ناھىيەسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش «داۋالىنىش كىنىشكىسى» كۆتۈرۈۋېلىپ، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل ھەيدەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتىدىغان ئەھۋاللار بولغان ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئادەملەر ئەيدىز بىمارلىرى ئەمەس بولۇپ، پەقەت بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قاتناش ساقچىلىرىنى قورقۇتۇپ جازادىن قېچىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىكەن.

    لىشىن ناھىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى، 80-يىللاردا سىرتقا چىقىپ قان ساتقانلىق تۈپەيلىدىن، كەنتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان، بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى قىزىل رەڭلىك «ئەيدىز كېسىلى بىلەن كېسەل گۇۋاھنامىسى» تارقاتقان، لېكىن ناھايىتى كۆپ كىشىلەر «داۋالىنىش كىنىشكىسى» نى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى يامان ھېس قىلماي ئەكسىچە بىر پارچىدىن ساختا كىنىشكا ياسىتىپ، مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ئورنىدا ئىشلەتكەن.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك 3 مىليارد 360 مىليون توننىغا يېتىپ، ئورۇندالغان تىرانسپورت خىزمىتى م...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:     تاڭزۇڭزا چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
Powered by Leglek