ئۆكتەبىردە، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 1 تىرىليون 328 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكىدىن 114 مىليارد 400 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، %9.4 ئاشتى. ئۆكتەبىردە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى سېنتەبىردىكىدىن ئۆرلىدى. ئاساسلىقى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تاپشۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ تىجارىتى كىرىمى ۋە كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى كۆپەيدى، بۇ مەركەز مالىيەسى كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى؛ يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئالدىنقى ئاي بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش دەرىجىسى تۆۋەنلىدى، ئاساسلىقى ئۆي مۈلۈك كەسىپىدىكى ئالاقىدار باج كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۆكتەبىردە ئۆي مۈلۈك كەسىپىنىڭ تىجارەت بېجى 36 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %7.8 تۆۋەنلىدى؛ قۇرۇلۇش تىجارەت بېجى 33 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %9 تۆۋەنلىدى.
ئۆكتەبىردە، مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمى 991 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئۆكتەبىردىكىدىن 59 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئازىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسى دەرىجىلىك چىقىم ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلىدى، يەرلىك مالىيە چىقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 تۆۋەنلىدى.
كېيىنكى ئىككى ئايدا ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىش بېسىمى يەنىلا مەۋجۈت بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى يەنىلا بىر قەدەر قېيىن بولىدۇ، يەرلىكتىكى قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى تۆۋەنلىشى، مالىيە كىرىم چىقىمى زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇشى مۈمكىن. ئۆكتەبىردە مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: ئۆكتەبىردە، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 1 تىرىليون 328 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكىدىن 114 مىليارد 400 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، %9.4 ئاشتى. ئۆكتەبىردە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى سېنتەبىردىكىدىن ئۆرلىدى. ئاساسلىقى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تاپشۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ تىجارىتى كىرىمى ۋە كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى كۆپەيدى، بۇ مەركەز مالىيەسى كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى؛ يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئالدىنقى ئاي بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش دەرىجىسى تۆۋەنلىدى، ئاساسلىقى ئۆي مۈلۈك كەسىپىدىكى ئالاقىدار باج كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ئۆكتەبىردە ئۆي مۈلۈك كەسىپىنىڭ تىجارەت بېجى 36 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %7.8 تۆۋەنلىدى؛ قۇرۇلۇش تىجارەت بېجى 33 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %9 تۆۋەنلىدى.
ئۆكتەبىردە، مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمى 991 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئۆكتەبىردىكىدىن 59 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئازىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسى دەرىجىلىك چىقىم ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلىدى، يەرلىك مالىيە چىقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 تۆۋەنلىدى.
كېيىنكى ئىككى ئايدا ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىش بېسىمى يەنىلا مەۋجۈت بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى يەنىلا بىر قەدەر قېيىن بولىدۇ، يەرلىكتىكى قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى تۆۋەنلىشى، مالىيە كىرىم چىقىمى زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇشى مۈمكىن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved