جۇڭگودىكى مۇزسىمان زەھەر بازىرى كۈنسىرى زورايماقتا

پايدىلنىش ئۇچۇرىنىڭ 5-ئاينىڭ22-كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا(‹‹ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 5-ئاينىڭ20-كۈندىكى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى)  جۇڭگولۇقلار زەھەردىن قالايىمقان پايدىلانغان ھەمدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى زەھەر بىلەن تەمىنلىگەن.

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر دوكلاتىدا دىيلىشىچە، مېتىلفىنىل ئامىن ــــــــ بىر خىل روھلاندۇرشقا ئىشىلتىلدىغان ھەمدە ئادەمنى خۇمار قىلىپ قۇيدىغان زەھەرلىك بۇيۇم بۇلۇپ ، ھازىر جۇڭگودا مۇشۇ خىل زەھەرلىك بۇيۇم بازىرى زورايماقتا ئىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلشىچە، جۇڭگونىڭ زور كۆلەمدىكى ئىشلەپچىقرىش بازىلىرى ئاسىيا قىتئەسنىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى مۇشۇ خىل زەھەرگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارغا ماسلىشىپ زەھەر ئىشلەپچىقارماقتا ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك بۇيۇم ۋە جىنايى ئىشلار ئىشخانىسنىڭ بۇ دوكلاتىدا ئېيتىلشىچە، جۇڭگودا بۇ خىل مۇزسىمان زەھەر دەپ ئاتىلدىغان زەھەر ھازىر ياشلار ئارىسىدا چوڭ بازار تاپماقتا. 

 

بۈگۈن توكيودا ئېلان قىلىنغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئورگىنىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تارقاتقان دوكلاتىدا دىيلىشىچە، بۇخىل زەھەرنىڭ جۇڭگودا بۇنچە تىز تارقىلىپ خىرىس پەيدا قىلالىشدىكى ئاساسلىق  سەۋەب بولسا ، بۇ خىل زەھەرنى ياساشقا ئىشىلتىدىغان خىميەلىك ماددا باشقا ھوقۇققا ئېرىشكەن ئىشلتىش يوللىرى ئارقىلىق ئاسانلا قولغا كېلدىكەن.

 

دوكلاتتا كۆرسىتىلشىچە:‹‹مېتىلفىنىل ئامىن ۋە باشقا بىرىكتۈرۈلگەن زەھەرلىك بۇيۇم داۋاملىق جۇڭگودا كەڭ بازار تاپماقتا ئىكەن، بۇلۇپمۇ ياش زەھەر چەككۈچلەر ئارىسدا تىز ئۇمۇملاشماقتا . مېتىلفىنىل ئامىن ۋە باشقا چەكلەنگەن زەھەرلىك بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشىلتىلدىغان خىميەلىك بۇيۇم ۋە دورىلارنىڭ جۇڭگودا زەھەر ئورنىدا  ئىشىلتىلىش خەۋپى يەنىلا زور ئىكەن.

 

جۇڭگونىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گۇاڭدوڭ ئۆلكىسدىكى بىر چوڭ كۆلەملىك زەھەر ياساش بازىسى بۇلتۇر يىل ئاخىردا ساقچىلار تۇيۇقسىز تازلىشىغا ئۇچرىغان. شۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەركىتىدە ساقچى تەرەپ تەخمىنەن 3000 نەپەر ساقچى خادىمى ۋە تىك ئۇچار ، كاتىر قاتارلىقلارنى ھەركەتلەندۈرگەن. ھەركەت قولغا چۈشۈرگەن بۇيۇملار : 3 توننا مۇزسىمان زەھەر، 23 توننا مۇزسىمان زەھەر ياساشقا ئىشىلتىلدىغان خام ماتىريال، يەنە 182 نەپەر گۇماندارنى قولغا ئالغان. بۇ جۇڭگو ساقچى تەرەپ قولغا چۈشۈرگەن مۇزسىمان زەھەر ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ھەركەت ھېسابلىنىدۇ.

 

دۆلىتمىز  ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە، پۈتۈن جۇڭگودىكى مۇزسىمان زەھەر ئىچىدە، ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق زەھەرنىڭ ھەممىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسنىڭ لۇفېڭ شەھرىدىن كېلدىكەن. لۇفېڭدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن داڭلىق زەھەرلىك بۇيۇم كەنىتى بوشې كەنتىدە تەخمىنەن ئىككى ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئادەم زەھەر ياساش بىلەن شۇغۇللىندىكەن.

 

 



23-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek