جۇڭگو ئاخبارات تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېڭەش يىغىنى ئېچىپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن، 17- مارت جۇڭگو تاشقى پېرۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغان بانكىلار ئارا خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىنىش ئارىلىق باھاسى ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىكىدىن 211 ئاساسى نۇقتا ئۆستى.
بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىنىش ئارىلىق باھاسىدا ئىككىنچى قېتىم 200 ئاساسى نۇقتا ئۆسۈش كۆرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بيېجىڭ ۋاقتى 17- مارت سەھەردە ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكىنى قارار قىلدى ھەمدە مۇشۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان تۆت قېتىمدىن ئىككى قېتىمغا قىسقارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يۇشرۇن ئەسكەرتىش بەردى. بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىنىش باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆستى ھەمدە بىراقلا 6.48 يۈەنلىك ئۆتكەلمۇ بۇزۇپ تاشلىنىپ، 3- ئاينىڭ 11- كۈنى بارلىققا كەلگەن 3 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا قىستاپ كەلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved