21-يانۋار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- تەپتىش مىنىستىرلىكى تورىنىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» سەھىپىسىدە، مەركەزنىڭ 8تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈلگەن 88مەسىلە ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئاشۇرۇپ ئۆتكۈزۈش ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، 21قېتىم ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن، 2016-يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- تەپتىش مىنىستىرلىكى تورى ئاشكارىلىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى ۋە باشقا تەبرىكلەش ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش سانى 50تىن ئاشتى. تولۇق بولمىغان سىتاتېستىكىغا قارىغاندا، 8تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر 10مىڭغا يېقىنلاشقان، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئاشقان.
توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى ھاياتتىكى چوڭ ئىش بولۇپ، تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئەسلىدە نورمال ئىش بولسىمۇ لېكىن بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىنتىزامىغا قارىماي، ئىستىلغا قارشى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چوڭ ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇل-مال توپلاپ، ئىجتىمائىي ئىستىلغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، نورمال بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى بۇرمىلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved