جوڭشىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جوڭشىن تورى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارى 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا چاۋشىيەن تەرەپنىڭ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرىنى توختىشىنى تەلەپ قىلغان ئىشى توغۇرلۇق پىكىر قىلىپ كورىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇداپىئەسىنى داۋاملىق چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ قېتىملىق ئامېرىكا بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئەمەلدار مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن : پەقەت كورىيە ئامېرىكا بىرلەشمە قۇرۇلمىسى مەۋجۇت بولسىلا ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرى داۋاملىشىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. كورىيە ھەربىي تەرەپ ئاكىتپلىق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ چاۋشىيەنگە بولغان سىياسىتىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە كورىيە ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرى « ھالقىلىق جەڭ ( KR )» ۋە « قۇرغۇي ( FE ) » بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىدىكەن. يۇشۇرۇن كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە يېرىم ئارالنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كورىيە بىلەن ئامېرىكا ھەر يىلى يۇقارقى ئىككى خىل مانىۋىرنى ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى چاۋشىيەننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كىم جۇڭئىن يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلغاندا كورىيە بىلەن چاۋشىيەن ئوتتۇرىسدا دىئالوگ ئېلىپ بېرىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق كورىيە تەرەپنىڭ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرىنى توختىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا كورىيەنىڭ بېلىق كېمىسى « 501 بەش ئەجدىرھا نومۇرلۇق » يوقاپ كەتكەن پاراخوت ئەزالىرىنى ئىزدەشكە قاتناشقان ئىككى PC-3 چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئەتىگىچە كورىيەگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved