ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى سىنھا

      ھىندىستان كىنوچىلىقىدا يېڭىدىن چاقناۋاتقان ئۈمىدلىك چولپان سوناكشى سىنھا 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى شاترۇخان سىنھا بولۇپ، ئارتىس، قوشۇمچە سىياسىي ئەرباب ئىدى، ئاپىسىنىڭ ئىسمى پۇنام سىنھا بولۇپ، سوناكشىنىڭ كۇش سىنھا، لۇۋ سىنھا ئىسىملىك ئىككى قېرىندىشى بار. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر كىنو مەستانىلىرىغا تونۇشلۇق بولغان <<تىمساھ پاجىئەسى>> دېگەن فىلىمدىكى تىمساھ چىشلىۋەتكەن ئايال خوجايىننى فىلىمنىڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇۋالىدىغان ئەر پېرسۇناژنىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ، ئۇ رول ئالغان باشقا فىلىملەر بىزگە يېتىپ كەلمىگەن. ئاتىسى ھازىر سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

  سوناكشى ھازىر ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنو ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئارتىسى ۋە مودېل بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇ تۇنجى قېتىم <<بوللىۋود>>نىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى سالمانخان باش رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم <<بوللىۋود>> كىنولىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قويۇلغان فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، سوناكشىمۇ <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى  ۋە <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

  سوناكشىنىڭ كەسپىي ھاياتى مودېللىقتىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2008-يىلى ۋە 2009-يىلىدىكى <<لاكمې>> مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى داڭلىق ئارتىس سالمانخان بىلەن رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىم بىلەن باشلانغان.

  ئۇ كىنودا رول ئېلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق چولپانلىرىدىن سالمانخان، ئاجەي دېۋگان، ئاكشاي كۇمار، سەيف ئەلىخان، سۇنۇ سۇدې قاتارلىقلار بىلەن بىرگە رولغا چىققان. ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەل ھۆسنى، لاتاپىتى، رول ئېلىشتىكى ماھارىتى، يېقىملىق ئوبرازى كىشىنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ.

  سوناكشى سىنھا قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا، بىر قاتار شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ 2011-يىلى بىر يىلدىلا <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى يۇلتۇز>> مۇكاپاتى، <<كەلگۈسىدىكى ئايال گىگانت چولپان>> مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.



خەتكۈچلەر:
25-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek