دۇنيا لوڭقىسى لاتارىيە كىرىمى 10 مىلىيارد يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۆت يىلدا بىر كېلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى بۇ مەزگىلدە بەس-بەستە لاتارىيە سېتىۋالىدۇ. 24-ئىيۇن جۇڭگودىكى ئىچكى قىسىمدىكى كەسپىي خادىملار بۇ نۆۋەتلىك برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا جۇڭگونىڭ لاتارىيە كىرىمىنىڭ 10 مىلىيارد يۈەندىن ئاشقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

 


دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە 9- كۈنى لاتارىيە كىرىمى 4 مىلىياردلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.

 


تۆت يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاللىقاچان ئۈچتىن بىر قىسىمى ئاياقلاشتى، توپخۇمارلار نەتىجىنى پەرەز قىلىش شەكىلى ئارقىلىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ يىراقتىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنقى كۈنى لاتارىيە سېتىلىش مىقدارى 150 مىلىيون يۈەندىن ئېشىپ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى تاق كۈندىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسىسىگە يەتكەن.


21-ئىيۇن چۈش سائەت 12:00گىچە، لاتارىيە سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارى جۇغلانمىسى 4 مىلىيارد يۈەندىن ئېشىپ، 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى 2 مىلىيارد 300 مىلىيون يۈەنلىك ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى لاتارىيە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ لاتارىيە پەرەز قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىيۇ يۆجى بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە لاتارىيە سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارى چوقۇم 10 مىلىيارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ دىگەن.


كۆچمە ئۇچۇر-ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پۇل تۆلەش گۆھىرى قاتارلىق ھەرخىل توردا پۇل تۆلەش ئېغىزلىرى توردا لاتارىيە سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن، مۇشۇ سەۋەبتىن لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشى قولايلىقلىشىپ ئىلگىرىكىدىن تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كەتكەن. «2014-يىللىق بىرىنچى پەسىللىك جۇڭگو تور لاتارىيە بازىرىنى نازارەت قىلىش دوكىلاتى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى پەسىلدە ئۇچۇر ئالاقە تورىدا لاتارىيە سېتىش كۆلىمى 1 مىلىيارد 560 مىلىيون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 49.4% پىرسەنىت ئاشقان.


مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2013-يىلى لاتارىيە سېتىش ئومۇمىي مىقدارى 309 مىلىيارد 325 مىلىيون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىش مىقدارى 132 مىلىيارد 797 مىلىيون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20.2% ئاشقان. رەسمىي يولدىن سىرت ھارخىل قاراڭغۇ يوللاردىمۇ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقەت تورى ئىشەنىچ باھالاش مەركىزىنىڭ قانۇنىي مەسلىھەتچىسى جاۋ جەنلىڭ لاتارىيە سېتىش پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن تەستىقتىن ئۆتكەندە ئاندىن قانۇنلۇق بولىدۇ، توردا لاتارىيە ساتقاندا چوقۇم لاتارىيە تارقاتقۇچى ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىش، لاتارىيە تارقاتقۇچى ئورۇن تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن قانۇنلۇق بولىدۇ، ناۋادا لاتارىيە تارقاتقۇچى ئورۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىسە قانۇنسىز قىلمىش بولىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى توردىكى لاتارىيە سېتىۋېلىش ھەرىكىتى لاتارىيە تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن، ئېغىر دەرىجىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دىگەن.



خەتكۈچلەر:
25-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek