پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋستىرالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئورگان تور بېكىتى ۋە شاڭخەي شېنخۇا پۇتبول كۇلۇبى ئورگان مىكرو بىلوگى بىرلا ۋاقىتتا ئاۋستىرالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى تىم كاخىل نىڭ شاڭخەي شېنخۇا پۇتبول كۇلۇبىغا قۇشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن كاخىل ئۆزى توپ تېپىۋاتقان نىيۇ يورك قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن توختامنى بىكار قىلغان. ئۇ تېخى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسدە قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنى باشلاپ ئاخىرقى چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتۈردى. ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ جۇڭگۇ كوماندىسى بىلەن بولغاندا كاخىل ئىككى توپ كىرگۈزۈپ 2-0 نەتىجە بىلەن جۇڭگۇ كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن ئىدى.
شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىشىچە كاخىل شېنخۇا كۇلۇبى بىلەن بىر يىللىق توختام تۈگەن. بۇ ئارقىلىق كاخىل جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاسىيالىق چەتئەل توپچىسى بولۇپ قالدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved