ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوۋىدى 18 – مارت تاراتقۇلارغا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ: ئىراق ئارمىيەسىنىڭ غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىدىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش ئۇرۇشى موسۇلنى ئازاد قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.
ئوۋىدى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا: ئىراق ئارمىيەسى غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن بۇرۇن، موسۇلنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى قوزغىمايدۇ، دېدى.
ئۇ ئاخبارات تارمىقىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ھازىر موسۇل شەھىرىدىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شەرقتىكى دىيارا ئۆلكىسى، شىمالدىكى تىكرىت شەھىرى ۋە بەيجى شەھىرىدىكى بەزى كۈچلىرىنى بۇ شەھەرگە چېكىندۈرۈپ، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭگە تەييارلىنىۋاتىدۇ.
ئوۋىدى مۇنداق دېدى: ھازىر ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش مۇھىم نۇقتىسى غەربتىكى سۈننىيلەر رايونى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھازىر ئەنبار ئۆلكىسىدىكى مۇھىم شەھەر فەلۇجە ئەتراپىدىكى قاما بازىرىدا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بەردى ۋە بۇ بازارنى تېزلا ئازاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى باغدادنىڭ غەربىگە 160 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بازار ھىتنى قايتۇرۇۋېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قاراپ، فەلۇجەنى ياكى بۇ شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلىمىز.
ئۇ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تىكرىتنى ئازاد قىلىشتىكى چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى ئازايتىش، شەھەردىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.
ئىراق زۇڭلىسى ئابادى 1 – مارت سالاھىدىن ئۆلكىسىدىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى تازىلاش ئۈچۈن تەشكىللىگەن چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ھەربىيلەر، ساقچىلار ۋە شىئە، سۈننىيلەردىن تەشكىللەنگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرى بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتى. 10 – مارتتىن باشلاپ ئىراقنىڭ سابىق رەھبىرى سادامنىڭ يۇرتى تىكرىتكە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى ۋە بىر قىسىم جايلارنى قايتۇرۇۋالدى. لېكىن، قوراللىقلار جان – جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەچكە ۋە شەھەر ئىچىگە زور مىقداردا نۇرغۇن بومبا ئورۇنلاشتۇرغاچقا، ئارمىيە تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved