ئەڭ ئېسىل ئۆي ئاپتوموبىلىدىن دۇنيا پەقەت مۇشۇ بىرسىلا بار

       ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بىر ئېسىل ئاپتوموبىلغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش تېخىمۇ ھۇزۇرلۇق ئىش. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنى ساياھەت قىلغان Albert ئەر ئايالنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا چوقۇم ھاڭ-تاڭ بولۇپ ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي ساياھەت . ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تارىختىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك بۇ خىلدىكى ئۆي ئاپتوموبىلىدىن دۇنيا پەقەت مۇشۇ بىرسىلا بار ئىكەن .

      Albert ئەر ئايالنىڭ بۇ مەخسۇس ئاپتوموبىلغا گېرمانىيە MAN شىركىتىنىڭ ھەربىي دالا ئاپتوموبىلىنىڭ تەگلىكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، MAN شىركىتىنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆي ئاپتوموبىلى، ئاپتوموبىلغا 480 ئات كۈچلۈك موتور سەپلەنگەن، ئالتە چاقلىق سۆرىگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ مۇرەككەپ يەر شەكلىدە ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمايدۇ. ئەينەك پولاتلىق بىرىكمە تاختا يېنىك بولۇپ، چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك .

       پۈتۈن ئاپتوموبىلغا ئىسسىقلىق ساقلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پار سىستېمىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ھاۋا تەڭشەش سىستېمىسى℃45-~ ℃50- گىرادۇسلۇق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بارلىق ماي يولى ۋە سۇ يولىغا بىردەك توڭلاشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان. 800 لىتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماي باكى 2500 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. پۈتۈن ئاپتوماتىك بالون كۆزىتىش يەل قاچىلاش سىستېمىسى ھەيدەش جەريانىدا بىر كۇنۇپكا بىلەن كونترول قىلىنىدۇ.

      ھەشەمەتلىك ئىچكى لايىھە قوللىنىلغان، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېھمانخانا ۋە ئۈستۈنكى ياتاق ئۆي ئىنتايىن ئازادە. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، كابىنكا بىلەن ئۆي قىسىمى كارىدور بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، دالا ساياھىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۆستۈرۈلگەن.



خەتكۈچلەر:
05-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek