چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن، كورىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىكى شىمال تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى: ئەگەر كورىيە داۋاملىق تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىش قاتارلىق زور ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بارسا چاۋشيەن تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدۇ دېدى.
باياناتچى مۇنداق دېدى: 4-ئۆكتەبىر ئىنچۇندا ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن كورىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى شىمال جەنۇب مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ بەردى، ھازىر ئەڭ مۇھىم ئىش بۇ كەيىپياتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەمما كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى بۇنىڭغا خىلاپ بولۇۋاتىدۇ، چاۋشەنگە قارشى تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىش دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
باياناتچى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كورىيە شىمال بىلەن جەنۇب مۇناسىۋىتىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى كېرەك، كورىيەنىڭ يەنە تاللاش ئىمكانىيىتى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved