ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشىنا ھەيدەپ مال سېتىۋالغىلى بېرىشى ئەمدى تېخىمۇ ئەرزانلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بېنزىننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەر گاللون 2 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئەلۋەتتە بۇنى خەلقئارا خام نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مارىلاند ئىشتاتى GasBuddyOrganization تەتقىقات ئورنىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نىيۇيورك ۋاقتى شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بېنزىننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر گاللونى 999. 1 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بىر يىل بۇرۇن، بۇ باھا 44. 2 ئامېرىكا دوللىرى، بىر ئاينىڭ ئالدىدا تېخى 11. 2 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. بۇنى جۇڭگو پۇلىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر لىتىرى 42. 3 يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن پەسىل خاراكتېرلىك ئېھتىياجنىڭ كاساتلىشىشى بۇ قېتىمقى چۈشۈشنىڭ ئاساسلىق «كاتالىزاتورى». GasBuddy ئورنىنىڭ نېفىت تەھلىلچىسى (PatrickDeHaan) تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :ئامېرىكا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئىستېمال دۆلىتى، شۇنداقلا قىش پەسىلى ئايلىرىدا ئېھتىياج ئاساسەن يىگلەپ قالىدۇ، دېدى.
تېكساس ئىشتاتىدىكى خام نېفىت باھاسى ئۆتكەن ئون سەككىز ئايدىن بۇيان %68 چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تازا تەلىيى «ئوڭدىن كەلگەن» . بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ قېتىمقى چۈشۈش ئۇلارغا ئىلھام بولغان ھەمدە يېقىلغۇ ماي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا رېكورت بۇزۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەھسۇلات مىقدارىنى تىزگىنلەشنى رەت قىلغاندىن كىيىن، مۆلچەرلىنىشىچە كېلەر يىلى ماي باھاسى يەنىمۇ چۈشىدىكەن.
ئامېرىكا نېفىت بىرلەشمىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا نېفىت ئايرىش كەسپىنىڭ موتور يېقىلغۇ ماي كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 11-ئايدا 98 مىليون تۇڭ بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3. 2 ئاشقان.
ئامېرىكا ئاپتوموبىل بىرلەشمىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باياناتچىسى (MichaelGreen) نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ يىل ماي باھاسىدىن تېجەپ قالغان پۇلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 350 ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ قالغان. ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باھانىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ئېھتىياج ئۆسۈشكە باشلىغان بولۇپ، 2007-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ئىكەن.MichaelGreen يەنە مۇنداق دېدى:«بۇنداق تۆۋەن بېنزىن باھاسى بىلەن ساغلام ئىقتىسادنى بىللە كۆرۈپ باقمىغىنىمىزغا بەكمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى. يەنى ئالدىنقى قېتىم 2005-يىلى ئىككىسى بىللە كۆرۈلگەن ئىدى.»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved