سوۋگۇا ھەربىي ئىشلار تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . 11-ئاينىڭ 17-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامىنتىدا جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيىنىڭ ئارزۇسىنى قول تۇتۇشۇپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ ،جۇڭگونىڭ تىنىچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ،جۇڭگو ئاۋىستىرلىيىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانائەتلىنىپ قالماي داۋاملىق ئىلگىرىلەپ جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىشنى تەكىتلىدى .پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بېشوف رىياسەتچىلىك قىلدى ،ئاۋىستىرلاىيە زۇڭلىسى ئابۇت ،كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى پارى ،شورتىن قاتارلىقلار قاتناشتى .شى جىنپىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە پۈتۈن زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى .قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى
:‹جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە گەرچە ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئىكككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى بېرىش كېلىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ،دۇنياغا ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ ئىككى دۆلەت مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ ،دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ،ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ،ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلىشىشى جۇڭگو ئاۋسترالىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتى دېڭىزىنى شەكىللەندۈردى .نۆۋەتتە جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماستىن كۈرەش قىلماقتا ،جۇڭگو بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت ،يەنى ئادىمى ئاڭ كۆپ دۆلەت ،باشقا دۆلەتلەر چوقۇم بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ قانداق ھەركەتلىنىدىغانلىقىنى ،ئۆزىگە سوقۇلىدىغان سوقۇلمايدىغانلىقى ،ئۆزىنىڭ يولىنى توسىدىغان توسۇمايدىغانلىقى ،ئۆ يېرىنى ئىگىلىۋالدىغان ئىگىلىۋالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ .مەن بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى ھەققىدە قارىشىمنى ئىپادىلەشنى خالايمەن ›.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹بىرىنچىدىن :جۇڭگونىڭ تىنىچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئىدىيىسى ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەلمىساقتىن تىنچلىقى سۆيىدىغان مىللەت ،جۇڭگو ئىناق دۆلەت ئىچى مۇھىتى ۋە تىنىچ خەلقئارا خاتىرجەم مۇھىتقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ،ھەر قانداق داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .جۇڭگو گەرچە چوڭ دۆلەت بولسىمۇ لېكىن 2000نەچچە يىل بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىز دۆلەت چوڭ بولسىمۇ ئۇرۇش قىلىۋەرسە ھامان ھالاك بولىدۇ دېگەن قائىدىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى .جۇڭگو تىنچلىقنى قوغدايدۇ ،تىنچلىق ئەڭ قىممەتلىك ،ئۇنى قوغداش كېرەك ،كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن بەھرىلىنىپ قوغداشنى خالىمىسا تىنچلىق مەۋجۇت بولمايدۇ .جۇڭگو خەلقى تىنىچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ ،ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنىچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
ئىككىنچىدىن :جۇڭگونىڭ ئورتاق تەرەققىياتتا بىللە تۇرۇش ئىدىيىسى ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ ،جۇڭگو ئورتاق مەنپەتلىنىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستىراتېگىيىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدۇ ،توغرا مەجبۇرىيەت مەنپەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى تەرەققىيات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپتىن كۈچەيتىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ .جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر مۇھىم پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ .جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش ئۇچۇرلاشتۇرۇش ،شەھەرلەشتۈرۈش يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولدى .بۇ خەلقئارادىكى ۋە مەزكۇر رايوندىكى ھەمراھلارنى تېخىمۇ كەڭ بازار تېخىمۇ تۇلۇق مەبلەغ ،تېخىمۇ مول مەھسۇلات ۋە تېخىمۇ قىممەتلىك ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى .
ئۈچىنچى :جۇڭگونىڭ ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى بىلەن ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ ،جۇڭگو قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئىجىل ئۆتۈشتەك ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ ،ئورتاق ئۇنۋېرسال ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىك ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ،جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق كېلىشىم سۆھبىتىنى قەرەلىدە تاماملاشقا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21 -ئەسىر ئۈستى يىپەك يولىنى تېزلىتىشكە ،دېڭىز ئۈستى قاتنىشى ئەركىنلىكى ۋە قانال بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ تىنىچ بىخەتەر تەڭ مەنپەتلىندىغان دېڭىز ئوكيان تەسىرىنى ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ ،بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر باي ياكى نامرات بولسۇن ،كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن ،چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش بولسۇن بولمىسۇن ھوقۇق مەنپەتتە باراۋەر بولۇش ،خەلقئارا نىزامىدا باراۋەر بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز .جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكى ،زىمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنى سۆھبەتلىشىش مەسلىھەتلىشىشتەك تىنىچ شەكىلدە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved