سېسترا رەھبىرى بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى

خەلق تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

4-ئاينىڭ 15-كۈنى ،سېسترا جوۋ لىيەن كارىۋات ئۈستىدە ھوشىغا كەلمەي جىمجىت ياتاتتى ،بۇ ئۇنىڭ ھوشىغا كەلمىگەندىن كېيىنكى 41-كۈنى ئىكەن ،بۇيىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە ،جۇۋ لىيەن بىلەن ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىكى ئىككى رەھبىرى بىلەن بىرلىكتە تاماققا چىققان ،تاماق ۋاقتىدا ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ،ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كەتكەن ،دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە بۇ سېستىرانىڭ ھوشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بەكلا ئاز ئىكەن .


4-ئاينىڭ 12-كۈنى ،خەلق تورىنىڭ مۇخبىرى دوختۇرخانىغا كېلىپ ،سېسترا جوۋ لىيەننىڭ كارىۋات ئۈستىدە ھوشىغا كەلمەي ياتقانلىقىنى ،ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بۇلۇپ يۈرگىنىنى كۆردى .يولدىشىنىڭ ئېيتىشىچە ،سېسترا جوۋلىيەن بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ ،شۇنچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل سېسترالىق خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن ،كېلەر يىلى ئۇنىڭ پىنسىيىگە چىقىدىغان ۋاقتى توشىدىكەن .

ئۇنداقتا شۇنداق ياخشى كېتىۋاتقان بىر ئادەم قانداق بۇلۇپ ئۆسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ قالدى ؟ بۇ سوئال سورالغاندا جوۋ لىيەننىڭ يولدىشى ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:.3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە ،ئايالىم ئەسلىدە ئۆيگە كېلىپ تاماق يېمەكچى ئىدى ،ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا تېلېفون بېرىپ ،رەھبىرىنىڭ ئۇنى تاماققا چاقىرغانلىقىنى ئېيتقان ›دېدى .شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئايالىغا بىرنەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان ،بىراق تېلېفون ئىزچىل ئۇلانمىغان ،كەچ سائەت 18:00دىن ئاشقاندا ،شۇم خەۋەر ئۇنىڭغا يېتىپ كەلگەن ،ئايالىنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان .

خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەن ،بىراق ئايالىنىڭ ھوشىغا كەلمەي ياتقانلىقىنى كۆرگەن .ئۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ، ئايالىنىڭ دوختۇرخانىدىكى لىيۇ XXۋە سېستىرالار باشلقى جاڭ xxبىلەن بىرلىكتە تاماققا چىققانلىقىنى ،ئۇلار تاماق يېگەن ئورۇننىڭ دوختۇرخانىغا يېقىنلا يەردە ئىكەنلىكىنى بىلگەن .


مۇخبىر كېيىن جوۋ لىيەننىڭ مەسئۇل دوختۇرىنى زىيارەت قىلدى ، دوختۇر ئۇنىڭغا ،جوۋ لىيەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئارقا مېڭە سۆڭىكىنىڭ يېرىلىپ ،چوڭ جەھەتلىك قاناش كۆرۈلگەنلىكىنى ،ھەمدە بەدەندە ئاجىزلاش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن . ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىدا ،سېسترا جوۋ لىيەننىڭ ھاراقنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان ، ھازىرغىچە 40 كۈن بولغان ،ئۇ ھوشىغا كەلمىگەن ، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ،ئۇنىىڭ ھوشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بەكلا ئاز بۇلۇپ ،ئۆمۈرلۈك ئۆسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن .

3-ئاينىڭ 5-كۈنى خىزمەت ۋاقتى بۇلۇپ ،خىزمەت قىلىدىغان كۈندە چۈشلۈك تاماقتا ھاراق ئىچىش قائىدىگە خىلاپ قىلمىش ھېسابلىناتتى ،شۇ كۈنى چۈشتە ،بۇ سېسترا بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەن ئىككى دوختۇر تاماق ۋاقتىدا ئۈچ بۇتۇلكا ئاق ھاراق ،10 بوتۇلكا پىۋىنى بىرلىكتە ئىچكەنلىكى ئېتىراپ قىلغان .ئېيتىلىشىچە ،بۇ ئىككى دوختۇر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .ئىشتىن كېيىن بۇ ئىككىسى بىرلىكتە 20 مىڭ يۈەن داۋالاش ھەققى بەرگەن ،بىراق ئۇنىڭدىن كېيىنلا جىمجىت يوقاپ كەتكەن ،شۇنىڭ بىلەن سېستىرانىڭ يولدىشى بۇ ئىككىسىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان .
4-ئاينىڭ 12-كۈنى .مۇخبىر جوۋ لىيەن ئىشلىگەن دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ، مەسئۇل خادىملار زىيارەتنى رەت قىلغان ، دوختۇرخانىنىڭ سېكىرتارىغا تېلېفون قىلغاندا ،ئۇ مېنىڭ دەيدىغان گېپىم يوق دەپلا تېلېفوننى قۇيۇۋەتكەن ، شۇ كۈنى ئاشخانىدا پۈتۈن جەرياننى كۆرگەن ئىككى كىشىمۇ سۆز قىلىشقا ئۇنىمىغان . ساقچىلار كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە ئىككى دوختۇر ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ،ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇ كۈنى سېسترا ھاراق ئىچىپ مەستلىكتە يىقىلىپ كەتكەندىن سىرىت ،بۇ يەردە بىر جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەن بۇلىشى مۇمكىن دېگەن .


4-ئاينىڭ 16-كۈنى دوختۇرخانا قارار چىقىرىپ ،شۇ كۈنى ھاراقنى پەقەت جوۋ لىيەنلا ئىچكەن بولسىمۇ ،بىراق بىللە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراپ لىيۇۋ دوختۇر ۋە جاڭ دوختۇرنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتكەن . بۇ خەۋەرنى بىلگەن ھەممە كىشى بۇ ئىشنى تولىمۇ غەلىتە ھېس قىلغان ۋە‹ بىر سېسترا قانداق قىلىپ ھاراق ئىچكەنلىك سەۋەبىدىنلا ئۆسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ قالىدۇ ؟ ›دېگەن مەسىلىگە قارىتا بەس -بەستە مۇلاھىزىدە بولغان .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇر :LEGLEK 



خەتكۈچلەر:
18-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek