مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 6- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا شەرتسىز قوشۇلغان، بىراق خەۋەردە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قاچانغىچە ئۇزارتىلغانلىقى توغرىسىدا كونكېرت ئىزاھات بېرىلمىگەن. مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاھىرەدە ئېچىلغان پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىۋاتقان پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئاززام ئەھمەد مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نۆۋەتتە ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى قاچانغىچە ئۇزارتىش توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر يوق، بىراق 8-ئاۋغۇست ئەتىگەندە ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋاقتى بار .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved