جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
تايلاند ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 29-ئاۋغۇست كەچتە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى تۇتقان چەتئەللىك ئەرنى يەنىمۇ سوراق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مۇھىم گۇماندارنىڭ تۆت يۈزلۈك بۇت پارتلىتىش دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ. تايلاند ئارمىيە تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە بۇ دېلودا گۇمانلار كۆپ، بىراق بۇنى تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەت دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
تايلاند ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: شۇ كۈنى يۈزدىن كۆپرەك ساقچى ۋە ھەربىي ئىشقا سېلىنىپ، پايتەخت باڭكوك شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر داچىدا 28 ياشلىق بىر چەتئەللىك ئەرنى قولغا ئالغان، ھەمدە ئۇ ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرغان داچىدا پارتلىتىش بۇيۇمىنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللار ۋە قوراللارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ، تۆت يۈزلۈك بۇت پارتلىتىش دېلوسى بىلەن ساتون پورتىدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان پارتلىتىش دېلوسىدا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ساقچى تەرەپ بۇ، 17- ئاۋغۇست تۆت يۈزلۈك بۇت پارتلىتىش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved