Ferguson دا ئىككى ساقچى تاياق يىدى

   رېيتىر ئاگېنتلىقى 12-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىدا قارا تەنلىك بىر ياش ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا كېڭەيگەن قارشىلىق نامايىشلىرىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولغان Ferguson رايۇنىدا 2 ساقچى تاياق يىدى.


     18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش Michael Brown نىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولغان ئامېرىكا مىسسۇرى شىتاتىغا قاراشلىق Ferguson رايۇنىدا، كىچە ۋاقىتىدا ساقچى مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى ساقچى ئۇرۇلدى ۋە يارىلاندى. ساقچىلارنىڭ بىرى دۈمبىسىدىن يەنە بىرى بولسا يۈزىدىن ئۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.


   چارشەنبە كۈنى ئاخىشىمى رايۇندىكى ساقچى باشلىقى توماس جېكسوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ توپلانغان بىر بۆلۈك كىشىلەر ساقچىخانا ئ‍الدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ، بۈگۈن ئەتتىگەن سەھەردە بۇ قالايمىقانچلىقتىن پايدىلىنىپ ئىككى ساقچىنى ئۇرۇپ قېچىپ كەتتى.
نارازىلىق نامايىشى باشلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ساقچى باشلىقى توماس جېكسون ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

 

 

دۆلەت مىقياسىدىكى نامايىشلار


   قورالسىز Michael Brown ئىسىملىك ياش 9-ئاۋغۇستتا Darren Wilson ئىسىملىك ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

   نامايىشچىلار قارا تەنلىكلەر كۆپ سانلىق بولغان Ferguson رايۇنىدا ۋە پۈتۈن ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قارىتا قاتتىقلىق مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەردە ساقچىلارنى ئىرىقچلىق قىلغان دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.

   بۇنىڭ ئۈستىگە بەزى خادىملار ئىستىپا بەرسىمۇ ئوبامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ساقچى تەشكىلاتلىرىنى ئەيىبلەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن قېچىۋاتىدۇ ۋە بۇنداق ۋەقەلەردە تەكشۈرۈشنىڭ كېيىنچە داۋاغا ئايىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئامېرىكىدا كېڭەيگەن نامايىشلار ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكىدىن 9-ئاۋغۇستتىن بېرى پات-پات داۋاملىشىۋاتىدۇ.


    Ferguson دا نۇپۇسى كۆپ سانلىق قارا تەنلىكلەرنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ ، ساقچىخانىلاردا ئىشلەيدىغان پەقەت بىر قانچە قارا تەنلىكلا بار.

 



12-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek