ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشى ھىندىستانغا بېسىم بولماقتا

ئۇكرائىنا كرىزىسى ۋە رۇسىيە-غەرب مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئېشىشى، ھىندىستان دىپلوماتىيەسىگە خىرىس ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا يېقىنلىشىپ، غەرب بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ئەگىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.


يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ھىندىستان-رۇسىيە مۇناسىۋىتى خىلمۇ-خىل سىناق ۋە ئەگرى-توقايلارنى بېسىپ ئۆتتى. ھىندىستان بىلەن رۇسىيە، خۇددى جۇڭگو بىلەن پاكىستاندەك تولۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن چېگرىداش ۋە چەكلىك كۆلەمدە چېگرا تالىشىش ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ باققان جۇڭگودىن ئورتاق ھەزەر ئەيلەش، ھىندىستان-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولۇپ كەلگەن ئىدى.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، ھىندىستان ۋە رۇسىيە ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيە غەرىزىگە بولغان ھوشيارلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن 20 يىلدا، جۇڭگونىڭ ئەمىلى كۈچى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، بۇ، ھىندىستان بىلەن رۇسىيەنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.


تاكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك قويۇقلىشىشى ھىندىستان ئۈچۈن بىر مەسىلە بولدى. چۈنكى رۇسىيە، ھىندىستانغا قارىغاندا جۇڭگوغا بەكرەك ئېغىپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا ھىندىستانغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىدىغان موداپىئە ساھەسىدىمۇ، جۇڭگو رۇسىيەنىڭ مۇھىم شېرىكىگە ئايلاندى.


بۇ ھەپتىدە، زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن رۇسىيە پرېزدېنتى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «تەبىئىي شېرىك، دوست ۋە قوشنا» دېدى. رېئاللىق بۇنىڭغا يول قويماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىمايدۇ. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىدىغانلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭ ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، چىقىشالماي ئۆز يولىغا ماڭغان. جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ۋە جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى سەۋەبلىك، ھىندىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇشىغا سەۋەب بولغان.


ئەمەلىي سىياسەت مەنتىقىسى نۆۋەتتىكى جۇڭگو-رۇسىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا چەك قويىدۇ دېسەك، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رۇسىيەنى جۇڭگو تەرەپكە ئىتتىرىشنى قارار قىلغاندەك تۇرىدۇ. 15 يىل بۇرۇن، پايدىلىق ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئىتتىپاق تۈزگەن، غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى جازالايمىز ۋە يېگانە قالدۇرىمىز دەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىتتىپاق ئىستراتېگىيىلىك تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ، ھىندىستان چوقۇم بېسىم ھېس قىلىدۇ. ھىندىستان، جۇڭگونىڭ رۇسىيەنىڭ مۇھىم شېرىكى بولىدىغانلىقى، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈچ ئېلىشىشىدا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ھىندىستان، رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىپ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشالمايدۇ، شۇنداقلا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەگىشىپمۇ ماڭالمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek