فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى قەيەردىن كەلدى؟

فىرانسىيەنىڭ پارىژدا چىرقىرىغان «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىكى ئىككى گۇماندار 9-يانۋار فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىكى يەنە بىر گۇماندارمۇ ساقچىلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىدا ئۆلدى.

 


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى، تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىن باشقا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئۇسۇللىرىنى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

 


فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 9-يانۋار زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە فىرانسىيە پۇقرالىرىغا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ بارلىق فىرانسىيەلىكلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

 


ھوللاندى مۇنداق دېدى: فىرانسىيەگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتى تېخىمۇ ئاخىرلاشمىدى، ئۇ بارلىق پۇقرالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك تەھدىتلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى فىرانسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، 11-يانۋار مەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن پارژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن.


فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىس ئۈچ تېررورچىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىدىن كۆڭلىنىڭ ئارام تاپقانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئۇ ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقنى مۇراجىئەت قىلدى، چۈنكى فىرانسىيە بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ھۇجۇملارغا يەنە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋالىس ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىدە يوچۇق بارلىقىنى، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى دەرھال كۈچەيتتى. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭلى مەھكىمىسى تور بېكىتىدە پايتەخت تۇرۇشلۇق پۈتۈن پارىژ رايونىنىڭ تېررورلۇقتىن ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى بولغان «دېڭىز قاراقچىلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش پىلانى»دىكى ئېھتىيات دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى ھەمدە ئاخبارات ئورگانلىرى، چوڭ سودا سارايلىرى، قاتناش سىستېمىسى ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئالاھىدە زورايتتى. «دېڭىز قاراقچىلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش پىلانى»نىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىيات دەرىجىسى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سېرىق، ئاپېلسىن رەڭ، قىزىل ۋە قېنىق قىزىلدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ھۆكۈمەت زۇڭلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئېھتىياجغا قاراپ دۆلەت تۇرۇۋاتقان ئېھتىيات دەرىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋە تەڭشەش ھوقۇقى بار.


2005-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، فىرانسىيە بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى قىزىل ئېھتىيات سىزىقىدا ساقلاپ كەلگەن ئىدى، بۇ ئېھتىيات دەرىجىسىدە ئارمىيە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، پورت ھەمدە سودا سارايلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان. بايرام كۈنلىرىدە كىشىلەر پارىژدىكى بەزى مۇھىم ئاممىۋىي سورۇنلاردا قوراللىق چارلاۋاتقان ھەربىيلەرنى كۆرەلەيدۇ، ئۇلار «دېڭىز قاراقچىلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش پىلانى»نى ئىجرا قىلىۋاتقانلار ئىدى.

 

فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى قەيەردىن كەلدى؟ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: فىرانسىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بىر قەدەر كەڭ، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ نۇرغۇن كۆچمەنلەرنىڭ فىرانسىيەگە كىرىشى، مەلۇم بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇندىن باشقا فىرانسىيەدىكى بەزى يەرلىك ياشلار ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلار فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان ئىچكى تاشقى سىياسىتىدىن نارازى بولغان ھەمدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.


فىرانسىيەدىكى بەزى ئاساسلىق تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: فىرانسىيەنىڭ كۈچلۈك قوراللىق ئارىلىشىش سىياسىتى تېررورلۇق ھۇجۇم كېلىپ چىقىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. سابىق زۇڭتۇڭ ساركوزى دەۋرىدىن بۇيان، فىرانسىيە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ لىۋىيە، مالى ۋە ئىراق قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە زور كۆلەملىك قورال كۈچ ئىشلەتكەنلىكتىن، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى.
ئالايلۇق: 2013-يىلى 1-ئايدا، فىرانسىيە غەربى ئافرىقىدىكى دۆلەت مالىغا زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى شۆبىسى بولغان ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتىغا قاتتىق زەربە بەردى، ئاندىن كېيىن بۇ تەشكىلات فىرانسىيەنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلدى.


بۇ قېتىمقى «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىكى ئاكا-ئۇكا كۇئاش پارىژدا تۇغۇلغان، فىرانسىيە گىراژدانى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فىرانسىيە يېقىندىلا بىر لايىھە ماقۇللاپ، ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشنىڭ قورالى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدىكى ئالاقىدار باشقۇرۇش كونترول قىلىش تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ.


2014-يىلى 11-ئايدا، فىرانسىيە پارلامېنتى «تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنى» لايىھەسىنى ماقۇللاپ، چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى ماقۇللىدى، بۇ ئارقىلىق ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئاتالمىش غازات ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى.


بۇ لايىھەگە ئاساسەن، فىرانسىيە ئالاقىدار فىرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ۋە پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنىڭ فرانسىيەدىن سۇرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ غازات ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇپ فىرانسىيەگە قايتىپ كېلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىشىنى توسىدۇ.


فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە مەسئۇل پارلامېنت ئەزاسى پىتىرسانتا مۇنداق دېدى: 2014-يىلى 23-ئۆكتەبىرگىچە 1089 فرانسىيەلىك سۇرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ غازات ئۇرۇشىغا قاتناشقان ياكى قاتناشماقتا، بۇنىڭ ئىچىدىكى 212 كىشى فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەن.



خەتكۈچلەر:
12-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek