تىڭشۈن تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
‹يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى› ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئامېرىكا سېئاتل MOTO تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر خەۋەر سۈرەتكە ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانى سېئاتلنىڭ "ئاسمان يىڭنىسى مۇنارى" يېنىدا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىپ كەتكەن. سېئاتل ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ۋەقە ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
نەق مەيدان كۆرۈنىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۆگزىگە قونۇش جەريانىدا كۈتۈلمىگەندە باشقا ئىمارەتنىڭ يان تېمىغا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كېتىپ، يول بويىدىكى ئاپتوموبىلنى يانجىۋەتكەنلىك ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
نەق مەيداندا كۆرگەنلەرنىڭ دېيىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن پارتىلىغان، نەق مەيداندا قويۇق ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلگەن، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان.
مەنبەسى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved