تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بەلكىم ئارىمىزدا مىۋە شەربىتىنى ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان دوستلار بۇلىشى مۇمكىن ،يەننە كېلىپ ئالما شەربىتىنى ياقتۇرۇپ ئىچىدىغاننلار ئاز ئەمەس .ئالما شەربىتى تەركىبىدە ساپ سۇ، ئاق شېكەر، قويۇقلاندۇرۇلغان ئالما شىرنىسى قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، تەمى تاتلىق، تەبئىيتى مۆتىدىل.
پايدىلىق تەسىرى:قان كۆپەيتىدۇ، مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، چىش مىلىكى ۋە بۇرۇن قاناشنى توختىتىش، قۇرۇق ۋەسۋەسىنى يوقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيتى بار، تەركىبىدە زور مىقداردا كالىي بار بولۇپ دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە مۇئەييەن پايدىسى بولىدۇ.
زىيانلىق تەركىبى:بوۋاق بالىلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئىچسە ئۇنۇتقاق قىلىپ قويىدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلىۋەتسە قورساقنى كۆپتۈرىدۇ. سانائەت ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زېيىنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قاچان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىردەملىك راھەت، تەم ھۇزۇرى دېگەنلەرنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئورالما، قۇتا سىرتىغا 100% ساپ دەپ يېزىپ قويغان ھەر خىل ناملاردىكى مېۋە شەربەتلىرى يەنىلا بازارلىق بولماقتا. 100% دەپ يېزىپ قويغىنى شۇ خىل مېۋىنىڭ سىقىۋىلىنغان مېۋە سۈيىمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى دېگەنلەر شۇ مېۋىنىڭ سۈيى بولماستىن ئۇنىڭ تەركىبى: سۇ، شىكەر، ئارسېن، ۋېتامىن ۋە باشقا تەم، رەڭ خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مېۋە تەركىبى بار دېگەندىمۇ 10% ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئادەتتە دورا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى يۇقۇرى ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئالما شەربىتىنى زىيانلىق دەپ قارالغان بولسا جۇڭگۇدا ئىستىمالچىلار تېخىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئالما شەربىتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر دىققەت قىلىشى كېرەك. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شەربىتى ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئالما شەربىتى بەك تاتلىق بولغانلىقتىن، ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىپ تاشلايدىكەن ھەمدە بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرۇت يەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شەربىتىدە ئارسېن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكا دائىرلىرى يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئارسېن مىقدارىغا قايتىدىن بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەكمۇ يوق دېگەننى ئويلاشقان. بىراق، ئامېرىكا ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالما شەربىتىدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي زىيان يەتكۈزىدىغىنى يۇقىرى شېكەر مىقدارى ئىكەن.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالما شەربىتىدە تەبىئىي ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئاز بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئەكسىچە ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بەزى ماركىدىكى ئالما شەربەتلىرى ھەتتا گازلىق سۇدىنمۇ تاتلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى تاتلىق يېمەكلىكلەرگە خۇمار قىلىپ قويىدىكەن.
ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوزۇقلۇق پراففىسورى:«مەن 3 ياشلىق نەۋرەمنى ئەزەلدىن ئالما شەربىتى ئىچىشىگە رۇخسەت قىلمايمەن، چۈنكى ئالما شەربىتى شېكەر سۈيى ئىچكەنگە ئوخشاش» دېگەن.
گەرچە نۇرغۇن ئالما شەربەتلىرىگە ۋىتامىن قوشقان بولسىمۇ ھەمدە پەقەت ئىسسىقلىقلا بولسىمۇ، ئەمما ئوزۇقشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، ۋىتامىن قوشۇش ئالما شەربىتىنىڭ ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن. پەقەت كىشىنى ئاسانلا سەمرىتىپ تاشلايدىغان ساغلام بولمىغان يېمەكلىك ئىكەن.
لەگلەك توى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved