لەگلەك تورى تەرجىمىسى ھازىر راكقا قارشى مادىلارنىڭ تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بەزى دورىلار ئۆسمىنىمۇ بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقرىۋېتىدۇ . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ ئۈنۈمى پەقەت ۋاقىتلىقلا . ئىنتايىن يېڭى داۋاش ئۇسۇلى بولسا HIV ۋېروسى ئارقىلىق ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزگەرتىپ راك ھۈجەيرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش . چوڭ دورا ياساش شىركەتلىرى بۇ راكنى ساقايتىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى دەپ قاراپ نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالدى . نۇرغۇن شىركەتلەر رىقابەتنى باشلىۋەتتى . ئاندىن ئۇلار ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ تېخنىك مەسلىسى بولماي بەلكى ئۇنىڭ تەنەرخى .
85%جىدىي خارەكتىرلىك لىمفا ئانا ھۈجەيرىسى قان راكىغا گېرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا خىمىيىلىك داۋالاش بىر خىل تاللاش . لېكىن ئەمرى خېتلا ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل ئۇنڭغا ماس كەلمەيدۇ . ئۇ بەش ياش ۋاقىتىدا قورقۇنۇشلۇق راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى . ئۇ بىرنجى قېتىم خىمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بارغاندا يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈپ ئككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالدى . كېيىن ئۇنىڭ راك كېسىلى قايتا قوزغالدى ، داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىپ يىلىك يۆتكەشنى كۈتۈپ تۇردى . ئۇ ساقلاۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ راك ھۈجەيرىلىرى ناھايىتى تىز كۆپىيىپ كەتتى . بۇ قېتىم دوختۇرلار ھېچ ئامالسز قالدى . پەقەت ساراڭلارچە سىناق داۋالاش ئۇسۇلى قالغان . بۇ خىل ئۇسۇلنى ھېچقانداق بالىلارغا سىناپ باقمىغان : ئالتە ياشلىق ئەمىلىنىڭ تېنىدىكى قانلارنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ چىقىپ ماشىنا ئارقىلىق ئاق قان ھۈجەيرىسىنى ئايرىۋېتىپ يەنە ئۇنىڭ بەدىنىگە شۇ قاننى سېلىش . كېيىن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىدىكى فىرافسورلار ئۆزگەرتلىگەن HIV ۋېروسى ئارقىلىق بۇ ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ بىلەن راك ھۈجەيرىسگەھۇجۇم قىلىش ئاندىن بۇ ئۆزگەتلگەندىن كېيىنكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئۇنىڭ تېنىگە قايتۇرۇش . ئاندىن بۇ ھۈجەيرىلەر راك ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلغاندىن سىرىت ئۇنىڭ بەدىنىگىمۇ ھۇجۇم قىلىدى . نەچچە كۈن ئىچىدە ئەمىلى قاتتىق قىزىپ يەنە دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . قاتتىق قىزىتىش ئۇنىڭدا ساختا سېزىم پەيدا قىلدى . ئۇ دادىسدىن : مېنىڭ ئۆيۈمدە نىمە دەپ كۆلچەك بولىدۇ دەپ سورىدى . ئۇنى ئېغىر كىسەللىك بۆلۈمىگە ئەكىرىپ قويدى . ئۇنىڭغا نەپەسلىنىش ئەسۋابى چاتقان دوختۇر ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە ئۇنىڭ ھايات قېلىشى پەقەت %1 دەپ ئېيىتتى . كېيىن مۆجىزە راستىنلا يۈز بەردى . دوختۇرلار ئۇنىڭغا بىر رىماتىزىم داۋالايدىغان بىر خىل ئوكۇلنى ئۇردى . ئىممونىت ئىقتىدارىنىڭ ھەددىن ئارتۇق خوراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى . لېكىن راك ھۈجەيكېيىن مۆجىزە راستىنلا يۈز بەردى . دوختۇرلار ئۇنىڭغا بىر رىماتىزىم داۋالايدىغان بىر خىل ئوكۇلنى ئۇردى . ئىممونىت ئىقتىدارىنىڭ ھەددىن ئارتۇق خوراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى . لېكىن راك ھۈجەيرىسىنى يوقىتىشقا ھېچقانداق دەخلىسى يوق . ئەمىلى يەتتە ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ھۇشىغا كەلدى . بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ يىلىكى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈلدى . ئۇنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق راك ھۈجەيرىسى تېپلمىدى .
ئككى يىلدىن كېيىن راك ئەھۋالى قايتا قوزغالمىدى . ئەمىلى ساغلام بالىلاردەك پىئاننو چېلىپ ، ھايۋانات بېقىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى . ئۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا ناھايىتى ئامراق . كىلوك مۇنداق دېدى : “ مەن 20 يىل ئۆسمە كىسەللىك دوختۇرى بولدۇم ، ئەمىلى بىر خىل يېڭى ئۇسۇلدا راكنى داۋالاشنىڭ مەسئۇلى ” نوخۇا دورا شىركىتى ( دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ دورا ياساش شىركىتى ) 9 مىليارت 900 مىليون تەتقىقات مەبلىغلى ئاجىرتىپ بۇ تۈرنى تەتقىق قىلىدۇ
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved