28-دېكابىر، G6271 قېتىملىق پويىز تيەنجىن غەربىي ۋوگزالىدىن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەرقىي ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇنىڭ بىلەن تيەنجىن –باۋدىڭ تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. تيەنجىن–باۋدىڭ تۆمۈريولى تيەنجىن تۆمۈريولىنىڭ تۈگۈنى بولغان تيەنجىن غەربىي بېكىتىدىن باشلىنىپ، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ باجۇ، شيوڭشيەن، ئەنشىندىن ئۆتۈپ باۋدىڭغا يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 158 كىلومېتىر، دەسلەپكى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 200 كىلومېتىر. تيەنجىن- باۋدىڭ تۆمۈريولى بېيجىڭ- شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، تيەنجىن- چىڭخۇاڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، بېيجىڭ - گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىلەن ئۇلاقسىز تۇتىشىدىغان بولۇپ، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو ھەتتا جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم قاتناش –تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved