ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 16-مارت گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا زېمىنىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقمىسا، ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 2018-يىلى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىدۇ. رۇسىيە پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى كولاسكوۋ 16-مارت رېيتېر ئاگېنتلىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: رۇسىيەدە 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئەكىسچە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كولاسكوۋ مۇنداق دېگەن: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيقەست مەغلۇب بولىدۇ.
گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پوروشېنكو بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ‹‹ سۈرەتلىك گېزىتى››نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، مەن پۇتبول بىلەن سىياسىنى ئايرىۋېتىشنى خالايتتىم، بىراق دونېتسكتىكى كانچىلار ئەترىتى ئۇرۇش سەۋەبلىك مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا لۋوۋ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. مەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەك، دەپ قارايمەن. پەقەت رۇسىيە ئارمىيەسى داۋاملىق ئۇكرائىنا زېمىنىدا پەيدا بولسىلا، رۇسىيەنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ بىرلىكتە رۇسىيەنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى جان ئالماس ھەربىي ئىشلار ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ھەربىيلىرىمىزنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved