شىنخۇا تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ 5- مارت دەلىللىشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتى سۇبىك قولتۇقىدا توختىغان چاۋشيەننىڭ بىر يۈك پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان ھەمدە بۇ پاراخوتنى تەكشۈرگەن.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەنلىك 21 ماتروس چىققان بۇ يۈك پاراخوتى 3- مارت سۇبك ئارىلىغا يېتىپ كەلگەن، كېيىن تۇتۇپ قېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پاراخوت ھىندونېزىيەدىن يولغا چىققان، كېمىگە پالما ئۇرۇقى بېسىلغان بولۇپ، ھېچقانداق چەكلەنگەن بويۇم بايقالمىغان. ئەمما دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كېمىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن ئامىلى ساقلانغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ پاراخوتنىڭ پورتتىن قاچان ئايرىلسا بولىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved