فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىفىرى يېشىلگەن يېڭى ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 1983-يىلىدىكى ھەربىي مانېۋىرى مەقسەتسىز ھالدا دۇنيانى سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن يادرو قارشىلىشىشقا ئېلىپ بېرىشقا يېقىنلاشتۇرۇپ قويغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ئىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغان.
بۇ ئىش تارىخشۇناسلار ئاتىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەڭ كەسكىن بولغان «ئۇرۇش ساراسىمىسى» مەزگىلىدە يۈز بەرگەن، بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراشتىن قورققان. 1983-يىلى نويابىردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئون كۈن «سېھرىلىك مەرگەن» ناملىق مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. غەربىي ياۋروپادىكى بارلىق شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسى بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان.
ئۆكتەبىردە شىفىرى يېشىلگەن ئارخىپقا ئاساسلانغاندا، 1990-يىلىدىكى قەتئىي مەخپىي ئاخباراتنى باھالاش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، كېرىمىل سارىيى ھەربىي ئىشلار ۋە ئاخباراتتا «بىنورمال» جاۋاب قايتۇرۇپ گېرمانىيە ۋە پولشادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھوشيارلىقىنى ساقلاشقا بۇيرۇق قىلىپ، رازۋېدكا قىلىش ۋەزىپىسىنى كۆپەيتكەن. باھالاش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇرۇش ساراسىمىسى ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى قوزغىمىغان.
غەرب ئەللىرىدىكى تەدبىرچىلەر ۋەزىيەتنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ بىرقىسمى خالاس، دەپ قارىغان. تارىخشۇناسلار كېيىن موسكۋانىڭ ھەقىقىي ئەنسىرەيدىغىنىنىڭ ئالدىن مۇشت كۆتۈرۈپ ھۇجۇم قوزغاشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
ئامېرىكا چەتئەل ئاخبارات مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ باھالاش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«بىز 1983-يىلى غەرەزسىز ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېگىپ كەتسىلا پارتلاپ كېتىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان بولۇشىمىز مۇمكىن». كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسى نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇرۇش ساراسىمىسى ئېلىپ كەلگەن مۇمكىنچىلىككە دىققەت قىلغان.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى باش قىلغان ۋارشاۋا شەرتنامىسى ئەللىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەينى چاغدا تارىختىن بۇيانقى تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، يادرو ئوق بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى غەربىي گېرمانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان، مۇشۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىلەر «رازۋېتكا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارىغان كورىيە خەلق ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن.
1983-يىلى مارتتا رېگان سوۋېت ئىتتىپاقىنى «رەزىل ئىمپېرىيە»دەپ ئاتىغان؛ موسكۋامۇ رېگان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسىنى «ئالجىغان»، «ئەسەبىيلەشكەن» ۋە «جىنايەت ئۆتكۈزگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved