1. تۇخۇم ئېقى بىلەن سېرىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى،رولى بار بىراق ئوزۇقلۇق تەركىبىدە چوڭ پەرىق بار. تۇخۇم ئېقىدا %90 سۇ تەركىب بولغاندىن باشقا يەنە، %10 ئاقسىل بار. بىراق بۇ ئازغىنە ئاقسىلغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلدىن قالسىلا ئانا سۈتى ئادەم بەدىنىگە ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلغا سېلىشتۇرغاندا تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.
2. تۇخۇم ئېقىغا سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مۇرەككەپ بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق ماي تۇخۇم سېرىقىدا بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماي كىسلاتاسى ھەمدە تەركىبىدە زەيتۇن مېيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى يەنى ماي كىسلاتاسى بولغاچقا يۈرەك كېسىەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىنE,K,D,A، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇخۇم سېرىقىدا بولۇپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ بىراق گۆش يېسە بولمايدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مۇھىم ماددا - لېتسىتىن، چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگىنىڭ بىر ئوزۇقلۇق مەخپىيىتى بولۇپ، ئېغىز جاۋغايلىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، ۋىتامىن تەركىبى شۇنچە يۇقىرى بولغان بولىدۇ.
3. بەزى كىشىلەر تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىندىن بەك قورقىدۇ، بىراق قورقۇش ھاجەتسىز. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ قان زەردابىدىكى خولېستىرون بەك تۆۋەن بولسا، ئېممۇنىت كۈچىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرىنىڭ ئىقتىىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام كىشىلەر كۈنىگە بىر، ئىككى تۇخۇم سېرىقى يەپ بەرسە بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق، بىراق قاندا ماي يۇقىرى كىشىلەر كۈندە تۇخۇم سېرىقىنىڭ يېرىمىنى يىسە مۇۋاپىق.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved