تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئامېرىكا لاسۋىگاس ۋاقتى 5-يانۋار، 2015-يىللىق خەلقئارا ئىستىمال ئىلكترون يەرمەنكىسى تاراتقۇلارغا ئېچىۋىتىلدى. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلار كەينى-كەينىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ۋە مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇردى. گېرمانىيەنىڭ بېنز شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ F015 ئاپتوماتىك ماڭىدىغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى تونۇشتۇرۇپ كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى.
F015 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتقى قىياپىتى سۇيۇر شەكىللىك بولۇپ، غاز تۇخۇمى شەكىللىك ئالاھىدە تاق ساندۇقلۇق قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئاپتوموبىل ئىچىگە تۆت ئايلانما ئورۇندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ بىر بىرىگە قاراتقىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە ئاساسلىقى ياڭاق ياغىچى، تېرە، ئەينەك، رەڭلىك مېتال قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن، جەمئىي 6 سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، قول ئىشارىسى، چەكمە ۋە كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق باشقۇرىلىدۇ.
F015 نىڭ ماتورى ۋە يېقىلغۇ ساندۇقىغا كاربون تالالىق كۈچلۈك پلاستىك ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن. شۇڭا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئاپتوموبىللاردىن يېنىك. ئاپتوموبىل باتارىيە بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىلىدۇ. قوزغالغاندىن تارتىپ يۈز كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە يەتكۈچە 6، 7 سېكۇنتلا كېتىدۇ. ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى1100 كېلومېتىرغا يېتىدۇ.
بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئالدى كەينىدىكىLED چىرىقى بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ھەيدىلىش ئەھۋالىغا قاراپ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ؛ شوپۇر ئۆزى ئاپتوموبىلنى كونترول قىلغاندا ئاپتوموبىل چىرىقى ئاق رەڭلىك بولىدۇ. ئاپتوماتىك ھەيدەلگەندە چىراقنىڭ رەڭگى كۆككە ئۆزگىرىدۇ. يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەر چىراققا قاراپلا ئاپتوموبىلنى قولشوپۇر ھەيدەۋاتقانلىقى ياكى ئاپتوماتىك ھەيدىلىۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved