يەر شارى تورى 4- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
شياڭگاڭ يېزىقلىق تېلېگرامما گېزىتىنىڭ 4- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى 3- مارت ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ 2015- يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3.8 تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش چاستۇتىسى 1990- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. مال باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە پۈتكۈل يەر شارىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بۇ خىل ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىكەن.
خەۋەلەردە ئېيتىلىشىچە، زۇڭتۇڭ رۇسسىف ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىرازىلىيە ئىقتىسادى بىراقلا چېكىنىپ كەتكەن، پۈتكۈل جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت ۋېنسۇئېلانىڭ ئەھۋالى ياخشى بولغان. 2015- يىلى بىرازىلىيە سانائەت كەسپىدە %6.2 چېكىنىش كۆرۈلگەن، 4- پەسىلدە كانچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %6.5 تۆۋەنلىگەن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %2.7 چېكىنگەن. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل بىرازىلىيە ئىقتىسادىدا %3.8 لىك مەنپىي ئېشىش كۆرۈلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved